قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە 3 يىلدا 60 مىڭدىن كۆپرەك نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-09-30 13:18:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈنسېرى روشەنلىشىپ، 3 يىلدا 60 مىڭدىن كۆپرەك نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، 40 مىڭ 300 ئادەمنىڭ ۋاستىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 12 مىڭ نامرات ئائىلە، 21 مىڭ 700 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، 20 مىڭ 600 ئائىلە، 39 مىڭ 400 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ساھەسى سەھرا ساياھىتى سەرخىل قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىشتۈرۈپ، سەھرا ساياھىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت بىلەن ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سەھرا ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 263 نى يولغا قويۇپ، نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى چۆرىدەپ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزا- كەنت ئاممىسىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
 ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھراھ ئارامگاھى، ئاۋۇل ئارامگاھىدىن بېڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا جەمئىي 1 مىڭ 552 سى، يۇلتۇز دەرىجىسىگە توشمىغان سەھراھ ئارامگاھى، ئاۋۇل ئارامگاھىدىن 4 مىڭدىن كۆپرەكى، ساياھەتچىلىك بويىچە يېمەك- ئىچمەك، ئائىلە قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدىن 1 مىڭ 513 ئى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. دۆلەت دەرىجىلىك «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىقى يىرىك پىلانى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نەتىجىلىرى»، «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەنزىرە رايونى ئارقىلىق كەنتلەرگە تۈرتكە بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن دېھقان ئائىلىسى بىرلەشكەن ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» قاتارلىقلاردىن 15 ئى بەرپا قىلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى