قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدىكى يەرلىك شىۋېلەر توغرىسىدا

2018-09-30 13:21:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلىتىمىزدە قانداق يەرلىك شىۋېلەر بار؟ نۆۋەتتە ئېلىمىز تىل ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھازىرقى زامان دۆلەت تىلى شېۋىسىنى ئايرىش پىكرى تېخى پۈتۈنلەي بىردەك ئەمەس بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھازىرقى زامان دۆلەت تىلىدا يەتتە چوڭ شېۋە بار، دەپ قارايدۇ. يەنى بېيجىڭ شىۋىسى، جىياڭدۇڭ شېۋىسى، خۇنەن شېۋىسى، كېجيا شېۋىسى، فۇجيەن شېۋىسى، گۇاڭدۇڭ شېۋىسى، جياڭشى شېۋىسى قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شېۋىلەرنىڭ بەزىلىرى يەنە بىر قانچە كىچىك شېۋە بۆلەكىرىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەلۇم جاي ( مەلۇم شەھەر، مەلۇم بازار، مەلۇم كەنت) نىڭ يەرلىك شېۋىسى، دەپ قارىلىدۇ.  مەسىلەن، فۇجۇ شېۋىسى، نەنچاڭ شېۋىسى، گۇاڭجۇ شېۋىسى، چاڭشا شېۋىسى قاتارلىق.
جۇڭگودا ھەر خىل شىۋېلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان جايلارغا تارقالغان، ھەر بىردە غايەت زور پەرق بار. شەرقىي شىمال شېۋىسى ئورتاق تىل تەلەپپۇزىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدىن باشقا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تارقالغان. شەرقىي شىمال شېۋىسىنى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئىنتايىن كۆپ، يەنە كېلىپ قويۇق شەرقىي شىمال پۇرىقى بار. تيەنجىن شېۋىسى ئاساسلىقى تيەنجىن كونا شەھىرىنى مەركەز قىلغان رايونلارنىڭ شېۋىسىنى كۆرسىتىدۇ.
شەندۇڭ شېۋىسى لۇيۈ، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەندۇڭ شېۋىسى شىمالىي رايون شىۋېسىگە تەۋە بولۇپ، تەلەپپۇز جەھەتتە ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، شېئىر شەندۇڭلۇقلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت مىراسى. رايونلارنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، شەندۇڭ شېۋىسى يەنە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ شىۋېگە بۆلۈنىدۇ. يەنى خېبېي ـ شەندۇڭ شېۋىسى، جياۋدۇڭ ـ لياۋنىڭ شېۋىسى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك شېۋىسى دېگەندەك.
سىچۈەن شېۋىسى دۆلەت تىلىنىڭ غەربىي جەنۇب تەلەپپۇز بۆلىكىگە تەۋە بولۇپ، سىچۈەن شېۋىسى سىچۈەن ئۆلكىسىدىلا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، يەنە پۈتكۈل سىچۈەن، چۇڭچىڭ، شەنشى، خۇبېي، يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە سىچۈەنگە قوشنا بولغان بىر قىسىم ناھىيەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. سىچۈەن شېۋىسى بىر قەدەر قىزىقارلىق شېۋە ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ناھايىتى يېقىملىق.
چاڭشا شېۋىسى يېڭى خۇنەن تىلىغا تەۋە. چاڭشا شېۋىسى ئاساسلىقى چاڭشادىكى ئاساسلىق شەھەر رايونى ۋە ۋاڭچېڭ رايونى، چاڭشا ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى ۋە نىڭشياڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىق ئەسلىمىسى بولغان «شادلىق لاگېرى» دىن چاڭشا شېۋىسىنى ئاڭلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى رىياسەتچى دائىم چاڭشا شىۋېسىدا سۆزلەيتتى.
   شاڭخەي شېۋىسى شاڭخەي يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شاڭخەي شېۋىسى ۋۇ تىلىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەيخۇ كۆلى ئەتراپىدىكى باشقا شىۋېلەر ئاساسەن ئۆز- ئارا باغلىنىشلىق. ئۇنىڭدا ۋۇ، يۆ، جىياڭنەن تىل مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شاڭخەي رايونى تارىخىنىڭ بىر خىل نامايەندىسى، شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ شۇ دەۋردىكى خاتىرىسى ۋە مەدەنىيىتى.
سۇجۇ شېۋىسى جۇڭگو تارىخىدا تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شېۋىلەرنىڭ بىرى. سۇجۇ شېۋىسى «ۋۇ تىلى» نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شىۋېلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تارىخىي ئورۇن. سۇجۇ شېۋىسى ئىنتايىن يۇمشاق شېۋە ۋە «يۇمشاق تىل» دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار. سۇجۇ شېۋىسى ھەقىقەتەن بەك مۇلايىم، لېكىن جىدەللىشىپ قالغاندىكى ھالىتى باشقا تىللار بىلەن ئوخشاش.
گۇاڭدۇڭ شېۋىسى گۇاڭدۇڭ تىلىدىكى ھەر قايسى شېۋىلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە شېۋە ھېسابلىنىدۇ. گۇاڭدۇڭ شېۋىسى يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ، لېكىن چۈشەنمەك سەل تەسرەك.
ۋېنجۇ شېۋىسى ۋۇ تىلىنىڭ بىر خىل يەرلىك شېۋىسى بولۇپ، ئۇ خەلق تەرىپىدىن ۋېنجۇ تىلى، دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنى ۋېنجۇ شەھىرى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. ئۇ يەنە ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، يەنە ئۈچ كىچىك شىۋېگە ئايرىلىدۇ. لېكىن،  ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ، ئۆگىنىش بىر قەدەر قىيىن.  ۋېنجۇ شېۋىسى ئىلگىرى «جۇڭگودىكى چۈشىنىش ئەڭ تەس بولغان 10 چوڭ شېۋە» نىڭ بىرىنچىسى بولۇپ سايلانغان.
ئەلۋەتتە بۇلاردىن باشقا، دۆلىتىمىزدە يەنە نۇرغۇن يەرلىك شىۋېلەر بار. ھازىر دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر تەرەپ ـ تەرەپتىن بىر يەرگە جەم بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھەر قايسى جايلارنىڭ يەرلىك شىۋېلىرى بىلەن بارغانسېرى كۆپ ئۇچرىشالايدىغان بولدۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى