قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۈننەن يۈەنياڭدىكى خانىزۇ مىللىتىنىڭ موگۇ ئۆيى

2018-09-30 13:23:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 «موگۇ ئۆيى» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىگە ئاساسلانغاندا، شەكلى موگۇغا ئوخشايدىغان ئۆينى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئوماق ئۆي بالىلار چۆچىكى ۋە كارتون فىلىملەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمما، رېئال تۇرمۇشتا بۇنداق ئۆي ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ؟  ئەمەلىيەتتە، موگۇ ئۆيلىرى ھەقىقىي مەۋجۇت.
موگۇ ئۆيى يۈننەن ئۆلكىسى خوڭخې ئوبلاستى يۈەنياڭ پەلەمپەيسىمان ئېتىزى ئەتراپىدا ياشايدىغان خانىزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇسى. سىز يۈەنياڭ پەلەمپەي ئېتىزلىقلىرىغا بارسىڭىز، موگۇ ئۆيىنىڭ ھەيۋەتلىك تاغ چوققىسى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇلۇتلار، قاتمۇ ـ قات پەلەمپەي ئېتىزلىرى بىلەن بىرگە ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانلىقىنى بايقايسىز. بۈگۈنكى «جۇڭگوغا نەزەر» سەھىپىمىزدە، توغرىسىدا توختىلىمىز.
 
موگۇ ئۆيىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا، خانىزۇ مىللىتىدە مۇنداق بىر چۆچەك تارقالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا، خانىزۇ مىللىتى غاردا تۇرىدىكەن. كېيىن ئۇلار «رېلو» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايغا كۆچۈپ كەلگەندە، تاغ باغرىدا يوغان ئۆسكەن موگۇلارنى كۆرگەن، ئۇلار بوران ـ چاپقۇندىن قورقمايدىكەن، موگۇ ئاستىدا چۈمۈلە ۋە ھاشارەتلەر ئۇۋا سېلىپ ئارام ئالىدىكەن، ئۇلار بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ موگۇ ئۆيى سالغان. شۇنىڭدىن كېيىن خانىزۇ مىللىتى قەيەرگە كۆچۈپ بارسا، شۇ يەرگە موگۇ ئۆيى سالغان.
موگۇ ئۆيى ئادەتتە ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. ئەڭ ئاستىدىكى بىر قەۋىتى چارۋا بېقىش، ساپان تىرنا قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى قويۇشقا؛ ئەڭ ئۇستى قەۋىتىدە ئامبار ياسىلىپ، ئاشلىق، ئوتۇن ـ چۆپ قاتارلىقلارنى قويۇشقا ئىشلىتىدۇ. ئوتتۇرىدىكى قەۋەت بولسا ئۆي ئىگىسى تۇرىدىغان جاي، تاماق ئېتىش، ئارام ئېلىش، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قەۋەتتە بولىدۇ. بۇنداق ئۆيلەر نەپىس ھەم كۆركەم، ئۆزگىچە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چىداملىق بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى مەدەنىيىتىدە، ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلىگەن.
خانىزۇ مىللىتى موگۇ ئۆيىنىڭ قۇرۇلما شەكلى ئالاھىدە بولغاچ، ئىسسىقلىق ساقلاش، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى.  قەھرىتان سوغۇق قىشتىمۇ ئۆي ئىچى يەنىلا ئىللىق بولىدۇ. تومۇز ئىسسىق بولغان ياز كۈنلىرىدە، ئۆي ئىچى ناھايىتى سالقىن بولىدۇ.
تاغ ئورمىنى، ئېرىق ـ ئۆستەڭ، كەنتلەر ۋە پەلەمپەي ئېتىزلىرى خانىزۇ مىللىتىنىڭ ئەڭ قەدىرلەيدىغان تۆت خىل نەرسىسى. قاقاس ئەيلاۋشەن تاغلىق رايونىدا ئەسلىدە پەلەمپەي ئېتىزلار يوق ئىدى، خانىزۇ مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى تاغ بويىدا يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، تاغ ئېچىپ ئېتىز بەرپا قىلىپ، سۇ باشلاپ ئۆستەڭ ياساپ بۇ ئېتىزلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.......
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، يۈەنياڭ پەلەمپەي ئېتىزىنىڭ قېزىلغان ۋاقتىنى 1300 يىلدىن بۇرۇنقى ۋاقتىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن. بۇ ئېتىزلارنىڭ يانتۇلۇقى 15 گرادۇستىن 75 گرادۇسقىچە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن نەچچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ جىلغىسىدىن دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىسىغىچە پەلەمپەي ئېتىز ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك.
چىڭكۇ كەنتى يۈەنياڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ ئۆزگىچە خانىزۇ مىللىتى كەنت - مەھەللىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كەنتتە ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ياخشى موگۇ ئۆيى توپى بار. چىڭكۇ كەنتى بىلەن يۈەنياڭ ناھىيەسىنىڭ كونا ناھىيە بازىرىدىكى شىنجيې بازىرىنىڭ ئارىلىقى بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. چىڭكۇ كەنتى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 150 ئائىلە، 800 دىن ئارتۇق نوپۇسى بار ئىكەن. چىڭكۇنىڭ بەلگىسى موگۇ ئۆيى بولۇپ، چىڭكۇغا كەلگەن ھەرقانداق ئادەم بۇ موگۇ ئۆيلەرگە مەپتۇن بولماي قالمايدۇ.
كەنتنى بويلاپ پىيادە ماڭسىڭىز، ھەيۋەتلىك پەلەمپەيسىمان ئېتىز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە خانىزۇ مىللىتىنىڭ  موگۇ ئۆيى، ئۆستەڭ، سۇ تۈگمىنى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلالايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا خانىزۇ مىللىتىنىڭ تىرنا، ئوتىغۇچ ۋە رەخت توقۇش ماشىنىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش سايمانلىرىنىمۇ كۆرەلەيسىز.
   مەھەللىدە ئاق ئەجدىھاھ بۇلىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بۇلىقى، دەپ ئىككى بۇلاق بار. بۇ كەنتتىكىلەر تۇغماسلىق «ئاق ئەجدىھاھ بۇلىقى» نىڭ سۈيىنى ئىچسە، بالا تۇغىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر بۇلىقىنىڭ سۈيىنى ئىچكەنلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
مەيلى سىز قورساققا ئامراق بولۇڭ ياكى بولماڭ، ئەگەر سىز چىڭكو كەنتىدە «كوچا زىياپىتى» گە يولۇقۇپ قالسىڭىز، بۇنى چوقۇم تېتىپ كۆرۈڭ. چوڭ كوچا زىياپىتى خانىزۇ مىللىتىنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مىللىي بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ھەممە ئائىلىلەر سېرىق نومى گۈرۈچى، ئۈچ خىل تۇخۇم، توخۇ، بېلىق، ئۆردەك گۆشى، كالا گۆشى قېقى، خاسىڭ مېغىزى قاتارلىق 40 نەچچە خىل خانىزۇ قورۇمىسى، ئېسىل ھاراقلارنى تەييارلاپ، بەلگىلەنگەن جايغا ئاپىرىپ تىزىدۇ. ھەر بىر ئائىلە بىردىن ئىككىگىچە ئۈستەلگە يېمەكلىك تىزىدۇ. ھەممە ئائىلىلەر تەييارلىغان ئۈستەل ـ ئورۇندۇقلار كوچىغا قاتار تىزىلىپ، ئۇزۇنلۇقى مىڭ مېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن كوچا زىياپىتى تەييارلىنىدۇ.
   كەنتنىڭ سىرتىدىكى پەلەمپەي ئېتىزلارنى دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ سانىسىڭىز، بۇلار 2 مىڭدىن ئاشىدۇ. تاغ مەيلى قانچە ئېگىز بولسۇن، سۇمۇ شۇنچە ئېگىزگە چىققان.
سۇ تاغدىكى ئورمانلىقتىن تاغ قاپتىلىدىكى كەنت ۋە پەلەمپەي ئېتىزلارغا ئېقىپ كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاغ ئېتىكىدىكى دەريا ئېقىنىغا قوشۇلىدۇ. دەريا ۋادىسى قۇرغاق ھەم ئىسسىق بولغاچ، سۇلار تۇمان ھاسىل قىلىپ، ئورمانلىققا قايتىپ كېلىدۇ. مانا بۇ پەلەمپەيسىمان ئېتىزدا مىڭ يىلدىن بۇيان، يەنىلا تېرىقچىلىق قىلالايدىغانغانلىقىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.
گەرچە تاشقى دۇنيانىڭ ئازدۇرۇشى بارغانسېرى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمگەكچان خانىزۇ خەلقى يەنىلا ھەر يىلى مەسۇم بويىچە ئىش قىلىدۇ. دېھقانلار كالېندارى بويىچە 2- ئايدا مايسا چېچىپ، 3- ئاينىڭ ئاخىرى مايسا تىكىدۇ، 9- ئايدا ئورۇپ، 10- ئايدا ئېتىز قىرىدىكى ياۋا ئوت ـ چۆپلەرنى يۇلىدۇ. ئۇلار قىغ ـ ئۆت چۆپلەرنى ئېرىق بويىغا دۆۋىلەپ قويىدۇ، سۇلار بۇ تەبىئىي ئوغۇتنى ئېتىزغا ئېلىپ كىرىدۇ.
بىراق، خانىزۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيتىنى ھەققى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى موگۇ ئۆيىدە تۇرۇپ، خانىلار بىلەن دوستلىشىڭ.
مېھمان كەلگەندە، قىزغىن ساھىبخان سىزنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، سىزنى ئۇزۇن چىلىم چېكىشكە، بىر ئىستاكان قىزىق يېپىشقاق گۈرۈچ چېيى، ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ھاراقنىڭ كەيپى تۇتسا، ساھىبخان ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ، خانىزۇ مىللىتىنىڭ ئېسىل خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، مېھمانلارنىڭ بەخت ـ سائادەتلىك، مېھىر ـ مۇھەببەتلىك بولۇپ، دوستلۇقىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى