قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇرۇتۇلغان قوتاز گۆشى

2018-09-30 13:28:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زاڭزۇلار ئاساسلىقى كالا، قوي گۆشى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئادەتتە كۆكتات يېمەيدۇ، يېمەك ـ ئىچمىكى بىر خىللا بولۇپ، يەككە يېمەك ـ ئىچمەك قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، چارۋىچىلىق رايونلىرى ھەتتا پۈتكۈل شىزاڭنى يۇقىرى ياغ، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك ـ ئىچمەك رايونىغا تەۋە. ھەممىگە مەلۇمكى، كالا ـ قوي گۆشىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، بۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق. قىزىقارلىقى شۇكى، زاڭزۇ خەلقىنىڭ خام گۆش يەيدىغان ئادىتىمۇ بار. ئەگەر بەزى چارۋىچىلار ياكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى ئۆيلەرگە بارسىڭىز، ئۆي ئىچىدىكى ياكى چېدىر ئىچىدىكى قۇرۇتۇلغان كالا ـ قوي گۆشلىرىنى كۆرەلەيسىز. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولسىڭىز، ساھىبخان سىزنى قۇرۇتۇلغان كالا ـ قوي گۆشلىرىنى تېتىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ خىل تەمنى پەقەت ئېگىزلىكتىلا تېتىغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى