قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۆمۈر يول پورتىدىن ئۆتكەن مال مىقدارى 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ، چىگرا ئېغىزىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ تۈگۈنىلىك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

2018-09-30 16:28:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭدىكى تۆمۈر يول پورتىدىن ئۆتكەن مال مىقدارى 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ، چىگرا ئېغىزىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ تۈگۈنىلىك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس تۆمۈريول پورتى بېكىتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 35 يېرىم پىرسەنت ئاشتى، بۇلتۇرقىدىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئۆتكەن مال مىقدارىنى 10 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئاشتى. بۇ شىنجاڭ تۆمۈر يول پورتىنىڭ بازارنى پائال ئېچىپ، تەرەققىيات تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ تۈگۈنىلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.
 «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىدىن ئىبارەت قوش يوللۇق شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى، شۇنداقلا جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىشىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندى. ھازىر ھەر يىلى ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى مەملىكەت بويىچە قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يەتتە ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ، قورغاس پورتىدا چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۈنىگە تەخمىنەن ئالتىدىن ئاشىدۇ. شىنجاڭ تۆمۈر يول پورتىدىن ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنىدىغان مال مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى.
چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى سانىنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئۈچۈن تېز ئۆتىدىغان«يېشىل يول» نى پائال بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئالاتاۋ تۆمۈر يول پورتى بېكىتى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، ئىمپورت- ئېكسپورت نۆۋەتچى پويىزلىرىنى گۇرۇپپىلاش، يىغىش، لىنىيەگە كىرىپ ئالماشتۇرۇش-قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلاردىكى تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ پورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈش جەريانىدىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق ھالقىلارغا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاۋۋال ۋېكسېل بېجىرىش، ئاۋۋال ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇش، ئاۋۋال قۇرۇق ۋاگونلارنى يىغىش، ئاۋۋال ۋاگونلارنى گۇرۇپپىغا ئايرىش، ئاۋۋال تەشكىللەش، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېكەتتە توختاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
 
ئالاتاۋ تۆمۈر يول پورتى بېكىتى ئۇۋاق تۆمۈر، كاللەك رۇدا، ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماللار ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن ئالدىن ماسلاشتۇرۇپ، پويىز ئالماشتۇرۇش مەيدانىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر قېتىملىق پويىزلارنىڭ مال تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۈتۈۋېلىنغان نۆۋەتچى پويىزدىكى ماللارنى چۈشۈرۈش ماشىنىسىنى تەرتىپكە ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوخشاش تۈردىكى ماللارنىڭ بېسىلىپ قېلىشىدىن ساقلاندى، لىنىيىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە پويىز ئىستانسىلىرىنىڭ پويىزنى يولغا سېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
قورغاس تۆمۈر يول پورتى بېكىتى يەنە ئېكسپورت ماللىرىنىڭ راۋان توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئىمپورت مال تىجارىتىنى تەشكىللەشنى ياخشى تۇتتى. كۆلەملەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ئېمپورت ماللىرىنى ئاشۇرۇپ توشوشنى ئىلگىرى سۈردى. تۆمۈر يول پورتى بېكىتى تۆمۈر رودىسى ئېكىسپورتىنى ئېچىش ئەشيا ئوبوروت ئەندىزىسىنى لايىھەلەپ، پولات تۆمۈر كارخانىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ماسلاشتۇرۇپ، خام ماتىرىيال سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. قازاقىستان تەرەپنىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋە ۋاكالەتچى ئورونلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇۋاق تۆمۈر، تۆمۈر رودىسى قاتارلىق خام ماتىرىياللارنى ئېمپورت قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، قايتقان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ پاختا يىپ ترانسىپورت سالمىقىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، ئېغىزدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ھازىر بۇ بېكەت ئىمپورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى دەسلەپكى 42 سائەتتىن 22 سائەتكە قىسقارتتى، پۈتۈن پويىزلارنىڭ ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش سۈرئىتىنى ئىلگىرىكى بەش سائەتتىن ئۈچ سائەتكە قىسقارتتى. ھازىر، ئىچكىرىدىن كەلگەن تاۋارلار ئالاتاۋ پورتى ۋە قورغاس پورتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۆمۈر يول پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا توشۇلىدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ خىمىيە سانائەت بۇيۇملىرى، تۈرلۈك ماللىرى قاتارلىق تاۋارلىرى مۇشۇ تۆمۈر يول پورتى ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىدۇ. نۆۋەتتە، ئالاتاۋ ۋە قورغاستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۆمۈر يول پورتىنىڭ ئىككى يۆنۈلۈشتە كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئىقتىدارى كۈنسايىن مۈكەممەللىشىپ، ئىلىمىزنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى