قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەرقى 2- ئايلانما يولىدىكى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك مىچۈەن- كۆكتاغ ئاسما كۆۋرۈكى تۇتاشتۇرۇلدى

2018-09-30 16:30:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەرقى 2- ئايلانما يولىدىكى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك مىچۈەن- كۆكتاغ ئاسما كۆۋرۈكى تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ كۆۋرۈك شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن قوش يۆنىلىشلىك، سەككىز يوللۇق ئاسما كۆۋرۈك بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
 مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن ـ كۆكتاغ جەنۇبى يولى ئەتراپىدىكى شەرقىي 2- ئايلانما مىچۈەن- كۆكتاغ ئاسما كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش يول بۆلىكىدە، ئاسما كۆۋرۈك شەكىلگە كىرگەن بولۇپ، تۆت دانە پومپا سىمونت لاينى قېلىپ ئىچىگە قۇيۇپ، كۆۋرۈكنىڭ تورۇسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە يۈزىنى ياپتى. مىچۈەن- كۆكتاغ ئاسما كۆۋرۈكى پۈتۈن كەسمە يۈزلۈك قۇرۇلۇش بولۇپ، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە ئاز ئۇچرايدۇ. ئادەتتىكى قۇرۇلۇشتا، تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ كەڭلىكى 32 مېتىردىن ئاشمايدۇ، لېكىن بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئەڭ چوڭ كەڭلىكى 52 مېتىرغا يېتىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كۆۋرۈك جېنشىڭ يولى، لۇڭخې جەنۇبىي يولى، مىچۈەن ـ دۇڭسەن يولى، دوڭخۇا جەنۇبىي شىنخۇا يولىدىن ئىبارەت 4 يولنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا قاتناشنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، يولنى ئىگىلەپ قۇرۇلۇش قىلىشقا توغرا كەلدى.
 ئىگىلىنىشىچە، مىچۈەن- كۆكتاغ ئاسما كۆۋرۈكى شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا يۈرەلەيدىغان ئاسما كۆۋرۈك ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇب- شىمال ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت يولى 216- لىنىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاسما كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى يول بويىدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى