قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىشقا پائال تەييارلىق قىلماقتا

2018-09-30 16:31:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ئۆكتەبىر» بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىشقا پائال تەييارلىق قىلماقتا.
ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، تۇرپاندا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، خۇشپۇراق ھىدى چاچىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31، 32 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پەسىل ھىسابلىنىدۇ. تۇرپان «تۇڭيى» ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى تاجىگۈل ئوسمان ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ساياھەت رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىۋېلىشتا %10 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇ كۈنلۈك تېز پويىز بېلىتى بىلەن ساياھەت رايونلىرىنىڭ كىرىش بىلىتىنى سېتىۋالسا بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغا قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسى ھەر بىر ئادەمگە 60 يۈەن قىلىپ چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنزىرە رايونى ئىچىدە ئاپتوموبىل قاتناش سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، پۈتۈن لىنىيە بويىچە بېرىش- كېلىش بىلىتى ھەر بىر ئادەمگە 25 يۈەن بولىدۇ. تاجىگۈل ئوسمان يەنە مۇنداق دېدى: قاتتىق دېتال جەھەتتە بىز مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. يۇمشاق دېتال جەھەتتە، خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق. تارىخىي مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ- ئادەت جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىناپ بېقىش تۈرىدىكى نۇرغۇن تۈرلەرنى تەسىس قىلدۇق. ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بەردۇق.
سانجى شەھىرى دىنوزاۋر سارىيى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى قەدىمىي جانلىقلار مۇزېيى بولۇپ، دۇنيا بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دىنوزاۋر سارىيى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمىي ئومۇرتقىلىق ھايۋاناتلار بىلەن قەدىمىي ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ سانجى دىنوزاۋر سارىيى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «بور دەۋرى- جۇڭگو قاناتلىق ئەجدىھا كۆرگەزمىسى» دە 54 گۇرۇپپا، 67 دانە ئەجدىھا تۇخۇمى بىلەن تۆرەلمىنىڭ تاش قاتمىسى ھەمدە بور دەۋرىدە ياشىغان باشقا ھايۋاناتلارنىڭ تاش قاتمىسى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، دىنوزاۋر سارىيى نورمال ئېچىلىدۇ. سانجى دىنوزاۋر سارىيى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن يۈفاڭ مۇنداق دېدى: دىنوزاۋر سارىيى ساياھەتچىلەرنىڭ دىنوزاۋر سارىيىدا كۆڭۈللۈك، بىخەتەر ئوينىشى ئۈچۈن، مۇھىت تازىلىقىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ساراي ئەتىگەن سائەت 11 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 7 يېرىمغىچە ئېچىلىدۇ. چۈشتىمۇ نورمال ئېچىلىدۇ. يەنە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلىرى مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان مەنزىرە رايونى مۇددەتتىن بۇرۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويدى. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەن قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن قىزغىن كەيپىيات ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، دولان قەبىلە مەنزىرە رايونىدا «دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، مول ھوسۇللۇق مەشرەپ» بويىچە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى خۇاڭ خۇەن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىز نۇرغۇن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتتۇق. بىزنىڭ ساياھەتچىلەرنى باشلاپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتىمىز ئەڭ دەسلەپكى يېرىم سائەتتىن ئۇزارتىلىپ بىر سائەتتىن ئاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نوقتىلىرىنىڭ كىرىش بىلەت باھاسى ئومۇميۈزلۈك چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بېلەت باھاسى 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە بولغان مەنزىرە رايونلىرىدا ئۇنىۋېرسال باھا چۈشۈرۈش نىسبىتى %30 كە يەتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى