قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىللىق قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى باشلاندى

2018-09-30 16:34:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان 2018- يىللىق قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە باشلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمىنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى قەشقەر شەھىرىدە، تارماق پائالىيىتى پوسكام، مارالبېشى ناھىيەلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 
بايرام مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، مارالبېشى، پوسكام توغراق مەنزىرىسى ساياھىتى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى تەبىئىي مەنزىرە ساياھىتى، مەكىت قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، ئۆزگىچە ئېسىل تائاملار مۇسابىقىسى، دارۋازلىق قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، قەشقەردىكى تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، يىپەك يولىدىكى مەنزىرلىك ماكان، تەبىئىي مەنزىرە خەزىنىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرى پۈتكۈل قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ يادروسى بولۇپلا قالماي، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر فىلولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى ھىسابلىنىدۇ. بىز بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمى ئارقىلىق توغراقنى ئېكولوگىيەنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇپ، قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.         

      قەشقەر-- قەدىمىي يىپەك يولىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەرۋايىت. قەشقەرنىڭ بوستانلىق، قۇملۇق، توغراقلىق، مۇزلۇق، قارلىق تاغ قاتارلىق مەنزىرىلىرى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە 5 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقىدىن %39؛ ساياھەت ئىستىمالى 5 مىليارد 577 مىليونگە يىتىپ، بۇلتۇرقىدىن %46 ئاشقان. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ساۋ جى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمى ئارقىلىق بىرىنچىدىن، گۈزەل قەشقەرنى نامايەن قىلىش بىلەن بىللە، قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ بايلىقىنى گەۋدىلەندۈرىمىز؛ ئىككىنچىدىن، قەشقەرنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىمىز. بۇ بايرام ئارقىلىق يەنە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىسى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھەر بىر ناھىيەدە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 12 نى بەرپا قىلىپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. شۇنداقلا، نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى