قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماناس ناھىيەسىدە 9- نۆۋەتلىك زۇمرەت مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ۋە يىپەك يولى يادرولۇق رايونى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى

2018-09-30 16:36:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنى ماناس ناھىيەسىدە 9- نۆۋەتلىك زۇمرەت مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ۋە يىپەك يولى يادرولۇق رايونى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى تەرەققىيات يىغىنى ماناس ناھىيەسىدە ئېچىلدى.
ماناس دەرياسى مەدەنىيىتى، زۇمرەت مەدەنىيىتى، سۇمرۇغ مەدەنىيىتى ماناسنىڭ «ئۈچ چوڭ مەدىنىيىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، «تيانشان ئالتۇن سۇمرۇغى-- زۇمرەت ماناس» ماناسنىڭ مەدىنىيەت داڭلىق ماركىسى ھىساپلىنىدۇ. ماناس جۇڭگونىڭ زۇمرەت ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ زۇمرەت چىقىدىغان جاينىڭ بىرى، بېيجىڭ گۇگۇڭ مۇزېيىدا ھازىرغىچە زۇمرەتكە ئويۇلغان قىممەتلىك رەسىملەر ساقلانماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك زۇمرەت مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى شىنجاڭدىكى ياخشى جاينىڭ چاقناپ تۇرغان زۇمرەتلىرى، قىزىل ھاراق- رومانتىك ماناس، ئېسىل تائاملار ھىدى تارىغان ماناس، مۇڭلۇق مۇزىكا كەبى ماناس، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ماناس، ئالتۇن كۈزدە ماناسنى سەيلە قىلىش قاتارلىق يەتتە چوڭ پائالىيەت تۈرىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، پائالىيەت 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. جەمئىي 10 كۈن داۋاملىشىدۇ.ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، گۇگۇڭ مۇزېيى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى، جۇڭگو گېئولوگىيە داشۆسى، چىڭخۇا داشۆ، گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى، جۇڭگو قاشتېشى مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى يىپەك يولى قاشتېشى مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى ۋە نىڭشيا، شەندۇڭ، خېبېي قاتارلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى ئۈزۈم ھارىقى كەسپىي جەمئىيەتلىرى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ئالاقىدار ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، زۇمرەت، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق تەتقىق قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى