قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراقاش ناھىيەسى كاۋاك يېزىسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئۈزۈم مەدەنىيەت بايرىمى ئاخىرلىشىپلا، نۇرغۇن سودىگەرلەرنى كاۋاك يېزىسىغا كېلىپ ئۈزۈم سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى

2018-09-30 16:38:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاراقاش ناھىيەسى كاۋاك يېزىسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئۈزۈم مەدەنىيەت بايرىمى ئاخىرلىشىپلا، نۇرغۇن سودىگەرلەرنى كاۋاك يېزىسىغا كېلىپ ئۈزۈم سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
نۆۋەتتە كاۋاك يېزىسىدىكى ئۈزۈم سورتى 10 خىل بولۇپ، ئۈزۈم كۆلىمى 23 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۈزۈم مەدەنىيەت بايرىمىدا كاۋاك يېزىلىق ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى چوڭ كارخانىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، پائالىيەت ۋە ئۈزۈم مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كاۋاك يېزىسىنى ئۈزۈم باغچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. نۆۋەتتە، خوتەن شىنجاڭ ئىچى سىرتى تور پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كاۋاك يېزىسىنىڭ چىنا كەنتىدىكى دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق كوپىراتىپى بىلەن ئۈزۈم سېتىۋېلىش توختامنامىسى ئىمزالىدى.
بۇلتۇر قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، كاۋاك يېزىسى تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، بېيجىڭ، تۇرپان، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلغانىدى. ئۈزۈم سېتىش بازىرى كېڭەيتىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن ئۆز قەرەلىدە ئومۇمىيۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى