قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تولى ناھىيىسىدىكى قۇملۇقنىڭ «ئوتقاشتەك يۈزى» دەپ تەرىپلىنىدىغان «توغراقلىق»

2018-09-30 16:41:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، سۈزۈك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ھەر خىل گۈزەل مەنزىرىلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بىراق ئاشۇ گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە ئەڭ گۈزىلى يەنىلا توغراقلىق، توغراقنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتى، قەيسەر ھاياتىي كۈچى، جەسۇرانە خارەكتېرىنى پەقەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىلا ئاندىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
 كۈز پەسلى كېلىشى بىلەن ئالتۇن رەڭگە كىرگەن توغراق يوپۇرمىقىنىڭ كۆپكۆك ئاسمانغا تەلپۈنۈپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ چوڭقۇر خىياللار ئىلكىگە چۆمۈلىسىز. توغراق روھى گۈزەل، توغراق قەيسەر ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئۇ قۇرغاقچىلىققا، قۇم- بورانغا تاقابىل تۇرالايدۇ، شورغا چىداملىق، شۇڭا توغراقنى قەھرىمانلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ «توغراق ئۈچ مىڭ يىل ياشايدۇ، يەنى قەد كۆتۈرۈپ مىڭ يىل ياشايدۇ، يىقىلىپ مىڭ يىل ياشايدۇ، چىرىگىچە مىڭ يىل ياشايدۇ» دېيىشىدۇ.
كەچ كۈز توغراقلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا توغراقنىڭ يوپۇرماقلىرى خۇددى قۇياشنىڭ ھارارىتىدىن كۆيگەندەك ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، تۇتاش كەتكەن توغراقلىق قارىماققا خۇددى ئالتۇن رەڭلىك يالقۇنغا ئوخشاپ قالىدۇ، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ غولىدىكى قويۇق يوپۇرماقلار مەيىن شامالدا ئالتۇن نۇرلارنى چاقنىتىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ شانلىق مىنۇتلارنى نامايەن قىلىپ، قۇلاق تۈۋىڭىزدە يېقىملىق سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىدۇ.
ياۋا توغراقلىق بەيياڭخې دەرياسىنىڭ ئەڭ گۈزەل كارتىنىسى بولالايدۇ. قويۇق ئىپتىدائىي ياۋا توغراقلىق يىراقلارغا سوزۇلغان بولۇپ، توغراقلارنىڭ بەزىلىرى توپ- توپ ھالەتتە، بەزىلىرى ئىككى ـ ئۈچ تۈپى بىرلىشىپ كەتكەن ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى كۈز پەسلىدە گەرچە قىسقىغىنە نەچچە ئون كۈن بولسىمۇ، لېكىن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بولۇپ، يۈكسەك ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ.كۆپچىلىكنىڭ تولى ناھىيىسى بەيياڭخې دەرياسىغا كېلىپ، قۇملۇقنىڭ «ئوتقاشتەك يۈزى» دەپ تەرىپلىنىدىغان «توغراقلىق» نى كۆرۈپ كېتىشىنى  قارشى ئالىمىز

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى