شىنجاڭنىڭ چوڭ ـ كىچىك بازارلىرىدا، سوغۇق ئىچىملىك يايمىسى ياكى سوغۇق ئىچىملىك دۇكانلىرىدىكى جاۋۇرغا دۆۋلەپ قويۇلغان مارۇژنى كۆزگە چېلىقىدۇ ھەمدە ئۆتكەن كەچكەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. مانا بۇ شىنجاڭنىڭ يەرلىك ماروژنىسى!
بۇ مارۇژنى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، ئىككى، ئۈچ يۈەنگە بىر ئىستاكان مارۇژنى ئالالايسىز، خوجايىن بىر دۆۋە ماروژنىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن يوغان بىر قوشۇق ئېلىپ، قەغەز ئىستاكانغا سېلىپ بېرىدۇ، مارۇژنىدىن بىر قوشۇق ئېلىپ يېگىنىڭىزدە، مارۇژنى ئاغزىڭىزنىڭ ئىچىدە ئاستا- ئاستا ئېرىپ، قويۇق سۈتنىڭ تەمى ئاغزىڭىزدا قالىدۇ، ئاندىن مۇزدەك بىر سېزىم پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارايدۇ، بۇنداق راھەت سېزىم ئۇزاققىچە ئېسىڭىزدىن كەتمەيدۇ.
يەرلىك ماروژنىنىڭ ياسىلىشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئاق شېكەر، ئۇن، سۈت قاتارلىقلار سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تۇڭسىمان توڭلىتىش ماشىنىسىغا تۆكىلىدۇ. ماشىنا ماتورنىڭ تۈرتكىسىدە توختىماي ئايلىنىدۇ، بۇ جەرياندا كالتەك بىلەن توختىماي ئارىلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئاخىرىدا مۇزنىڭ سوۋۇتۇشى ئاستىدا، تەييارلاپ قويۇلغان ماتېرىياللار قېتىشىپ ماروژنىغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇستام مارۇژنىنى چوڭ ياغاچ قوشۇق بىلەن سوۋۇتۇش ماشىنىسىدىن جاۋۇرغا ئۇسۇپ، خېرىدار ساقلايدۇ.
ئىلگىرى سوۋۇتۇش ماشىنىسى يوق ئىدى. ماروژنى سوۋۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئىچىدىكىسى «ئىچكى ئەزا» غا ئوخشايدۇ، مىستىن ياسىلىدۇ، خام ماتېرىيال سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشى چوڭ سوغىغا ئوخشايدۇ، ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇققا مۇز سېلىنىپ، سوۋۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى بارلىققا كېلىپ، كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمما ماروژنىنىڭ خام ماتېرىيالى ئازراقمۇ ئۆزگەرگىنى يوق، يەنىلا ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن خام ماتېرىياللارغا قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، خۇرۇچ ۋە تەم تەڭشىگۈچ قوشمىغان ھالدا تەييارلىنىدۇ.تومۇز ياز كۈنلىرى شىنجاڭغا كېلىپ قالسىڭىز، قولدا ياسالغان ماروژنىنى تېتىپ بېقىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
11 يىل، كىروراننى قوغداش ئىرادىسىدىن يانماسلىق |
![]() ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى |
![]() پانۇس تاماشاسى قىلىپ، كاتتا بايرامنى تەبرىكلەش |
![]() چاغاندا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش |
More>> |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2019-12-31 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-15 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-14 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-13 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-12 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى |