قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئاي تېخىمۇ تولدى

2018-09-30 16:49:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاي باشقىچە تولۇپ، ئالاھىدە ئىللىق كۆرۈنەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورولىرىدا ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى ئەسلىدى، شۇنداقلا ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بېغىشلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدا بىر مەيدان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئۇزۇن ئۈستەلگە يۆبىڭ، ساڭزا ۋە ھەر خىل مېۋىلەر تىزىلغانىدى. ئاھالە ئاتىكەم ئاچىسى فېڭ يەنشياڭ بىلەن كۆرۈشۈپلا قۇچاقلىشىپ كەتتى.
«تۇنجى قېتىم ئاچام ئەكىلىپ بەرگەن ئويۇن قويۇش كىيىمىنى كىيگىنىم، تۇنجى قېتىم ئاچامنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئاخىرقى رەتتىن بىرىنچى رەتكە كېلىپ تۇرغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە»، ئاتىكەم ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئەسلىدى، ئۈچ يىلدىن بۇيان، فېڭ يەنشياڭنىڭ ياردىمىدە، ئىلگىرى گەپ قىلسىمۇ خىجىل بولىدىغان ئاتىكەم ھازىر مەھەللە خور ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى. ھەر بىر بايرامدا، بۇ چوڭ قورو باشقىچە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدە ئاتىكەم بىلەن فېڭ يەنشياڭنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بايرام يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورولىرى خۇشال، ئىناق كەيپىياتقا چۆمۈلۈپلا قالماي، پارتىيەگە بولغان قويۇق مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغىمۇ تولغانىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى 1- ئىيۇل توقۇمىچىلىق زاۋۇتى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭتەي مەھەللىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىكى ئاھالىلەر مول مەزمۇنلۇق جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. كىچىك دوستلار سەھنىدە ئىنتايىن ئوماق كۆرۈنەتتى، سەھنە ئاستىدا ئولتۇرغان ئاتىكەم مىجىتنىڭ كۈلكىدىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى، بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئاتىكەمنىڭ ئېرى ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە، ئۇ غەمدىن ئۇخلىيالمىغانىدى. ھازىر ئۇ يوپيورۇق ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يەنە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئىلتىماس قىلدى، ئۇ تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى.
ئاتىكەم مۇنداق دېدى: ھازىر كېسەل كۆرسىتىپ، كېسەلخانىدا ياتساق ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، پار پۇلىنىمۇ ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، بىر يىللىق ئۆي ئىجارە ھەققى 900 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا ئوخشاش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. مەھەللە كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دائىم ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئاتىكەم ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇدى.
«بىز ئەزەلدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا بىر- بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر- بىرىگە كۆيۈنۈشى، بىر- بىرىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.» چىنىدىكى ئەتكەنچاينىڭ مەززىلىك ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلاتتى، ئالما دەرىخى مول مېۋە بەرگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 600 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر مەھەللە باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى راخماننىڭ كىچىك قوروسىدا، شوخ ئاككوردىيون ئاۋازى ياڭرىماقتا ئىدى. تەكلىپكە بىنائەن كەلگەن مەھەللە كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە راخماننىڭ قولۇم- قوشنىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. ئالما دەرىخى ئاستىدا، راخماننىڭ كونا قوشنىسى ئابلىمىت ئاككوردىيون چالماقتا ئىدى، كۆپچىلىك مەھەللىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشماقتا ئىدى، قورودىن پات- پات كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
«بۇ بىر نەچچە يىلدا، پارتىيەنىڭ سىياسىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىز ناخشا ئېيتىپ تەبرىكلەيلى» -راخماننىڭ قوشنىسى ليۇ شياۋرۇڭنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، يېقىملىق ناخشا ئاۋازى كىچىك قورودىن يىراقلارغا تارقالدى...

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى