قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈز پەسلىدە گۈل يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە

2018-09-30 18:48:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۈز كىرىشى بىلەن تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ، كۈن نۇرى ئاجىزلايدۇ. ئۆيدىكى گۈل- گىياھلارنىڭ كۈن نۇرى، سۇ، ئوغۇتقا بولغان تەلىپىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈزدە ئۆيدە گۈل بېقىشتا تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، گۈلنى كۆڭۈلدىكىدەك بېقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كۈن نۇرىغا ئەھمىيەت بېرىىش لازىم. كۈزدە كۇن نۇرى ئاجىز بولغانلىقتىن، ئۆيدىكى گۈللەرنى ئەتىگەندە، كەچتە كۈن نۇرى چۈشىدىغان يەرگە قويۇپ، كۆپرەك كۈن نۇرىغا قاقلاپ بېرىش لازىم.
نەملىككە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. باش كۈزدە تېمپىراتۇرا سەل يۇقىرى بولۇپ، ھاۋامۇ بىر ئاز قۇرغاق. كۆپ قىسىم تەشتەككە تىكىلگەن «ئۆيدىكى گۈللەرنى ئەتىگەن سائەت 10دىن بۇرۇن سۇغىرىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 3دىن كېيىن سۇغىرىش ھەم يوپۇرماقلارغا سۇ چېچىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم.
ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. كۈزدە كۆپ قىسىم گۈللەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مەزگىلى. ياز پەسلىدىكى بىر قىسىم ئۇيقۇدىكى ۋە يېرىم ئۇيقۇدىكى گۈللەر قايتىدىن ئۆسۈشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوغۇت بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى گۈللەر كۈزدە پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلايدۇ.  ئەتىرگۈلنىڭ يوپۇرماقلىرى ئۆسىدۇ ھەم پورەكلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا گۈللەرگە ئازوتنى ئاساس قىلىپ، ئازوت، فوسفور، كالىي بىلەن ئوغۇتلاش لازىم. بۇنداق بولغاندا گۈللەر قويۇق ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتەلەيدۇ ۋە قىشقا كىرگەندىن كېيىن سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
تەشتەك ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم. كۈز پەسلى كىرگەندىن كېيىن، تەشتەك ئالماشتۇرۇشنىڭ ياخشى مەزگىلى. تەشتەك كىچىك بولۇپ قالغاندا يىلتىز سىستېمىسى تەشتەك دىۋارىنى زىچ قاپلىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا دەرھال مۇۋاپىق تەشتەككە ئالماشتۇرۇش كېرەك، بۇ ئەلۋەتتە گۈلنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. ناۋادا تەشتەك ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا، توپىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك.
قىرقىش. كۈزدە بەزى گۈللەرنىڭ شاخلىرى قۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا گۈللەرنىڭ قۇرۇپ قالغان يوپۇرماقلىرىنى قىرقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر قېتىم گۈل ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا قىرقىپ تۇرمىغاندا، گۈلنىڭ چېچەكلەش ۋاقتى كېچىكىدۇ. چېچەكلەش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىسقىرايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى