قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018-09-30 12:29:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈردى، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 28- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈردى، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، ئىرادىنى ساقلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئالتۇن كۈزدە، شەرقىي شىمالدىكى كەڭ زېمىن مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى. 9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋېي، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېنتاۋ، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بايىن چاۋلۇ، ئۆلكە باشلىقى جىڭ جۈنخەي، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چيۇفا، ئۆلكە باشلىقى تاڭ يىجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە چىچىخار شەھىرى، جىلىننىڭ سۇڭيۈەن شەھىرى، لياۋنىڭنىڭ لياۋياڭ شەھىرى ھەم فۇشۈن شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  9- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جيەنسەنجياڭ سەنجياڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيداخۇاڭ تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەركىزىگە كېلىپ، زامانىۋى يىرىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، «ئۈچ دەريانى تۇتاشتۇرۇپ» سۇ بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قوماندانلىق- ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە، شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملاردىن يېزا ئىگىلىكى نەرسە تورى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم چوڭ ئېكران ئارقىلىق دېھقانچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىراقتىن باشقۇرۇش- ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەركىزىنىڭ سىرتىدا، ئېتىزلىقتىكى ئالتۇندەك شال باشاقلىرى مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ دولقۇن ھاسىل قىلىپ تۇراتتى، چىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 10 مىڭ مولۇق ئېتىزلىقتىن ھوسۇل ئالماقتا، بىر رەت كومبايىن بىرلەشمە مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ شال ئورۇلۇۋاتقان ئېتىزغا كىرىپ، شالنىڭ ھوسۇل ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن كومبايىن شوپۇرلىرى كومبايىندىن چۈشۈپ، باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ سالام بەردى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن بۇ يىللىق ھوسۇلنىڭ قانداقلىقىنى، ئاشلىق باھاسىنىڭ قانداقلىقىنى، ئائىلە كىرىمىنىڭ قانداقلىقىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتا قانداق قىيىنچىلىقى ۋە تەلىپى بارلىقىنى سورىدى، ئۇلارغا مەشغۇلاتتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى چوڭ بازىسى، چوڭ كارخانىسى، چوڭ كەسىپلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشتىكى تايانچلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېشىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پايدىلىنىش بىلەن پەرۋىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارا تۇپراقنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە، چېكىنىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى قەۋەتتىكى كۆرگەزمە زالىدا، شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان گۈرۈچ، ياغ، پۇرچاق، سۈت قاتارلىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ بۇلارنى بىر- بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ بىر پىيالە گۈرۈچنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «جۇڭگو ئاشلىقى! جۇڭگو تاماق قاچىسى!» دېدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ بېيداخۇاڭ جيەنسەنجياڭ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونىغا كېلىپ، باغچە رايونىنىڭ تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، پەن- تېخنىكا خادىملىرىدىن شال يېتىشتۈرۈش، تۇپراق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش، تېرىپ ئۆستۈرۈش ۋە تېرىقچىلىقنى كېڭەيتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن- تېخنىكىدا، ئىختىساسلىقلاردا. يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پەن- تېخنىكا قانىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  چىچىخار كونا سانائەت بازىسى بولۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ سىستېمىسىغا ئىگە. 9- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چىچىخارغا كېلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى ئىككى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. جۇڭچې چىچىخار ماشىنىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۆمۈريول يۈك پويىزىنىڭ چارچاش ۋە تەۋرىنىش تەجرىبىسىنى كۆردى. زاۋۇت بىناسى سىرتىدا، 138 توننا يۈك كۆتۈرىدىغان رۇدا ۋاگونى، كۆمۈر توشۇيدىغان سۈكەنلىك ۋاگون، كۆمۈر توشۇيدىغان مەخسۇس ئۈستى ئوچۇق ۋاگون، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت يۈك توشۇش ۋاگونى قاتارلىق ھەر خىل تىپتىكى تۆمۈريول يۈك ۋاگونلىرى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىپ تىزىپ قويۇلغانىدى. شى جىنپىڭ ھەر خىل تىپتىكى تۆمۈريول يۈك ۋاگونلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىشى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. كارخانىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ: مەھسۇلاتلىرىمىز 50 نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلىغان باش شۇجى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇلارنى خەلقئارا بازارنى يەنىمۇ ئېچىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جابدۇق ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۆلەت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىدۇ. چىچىخار ماشىنىسازلىق گۇرۇھى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇلازىمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تەشەببۇسكارلىقنى مەڭگۈ ئىگىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى، سەرخىللىشىشى، زورىيىشى كېرەك.

  جۇڭگو 1- ئېغىر تىپلىق ماشىنىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، شى جىنپىڭ توك پىروكاتلاش زاۋۇت سېخىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ مېتاللۇرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى روتۇر، پىروكاتلاش تۇلۇقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يادرو رېئاكتورى بېسىملىق قاچىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بۆلىكى، خۇالۇڭ 1- نومۇرلۇق ھورلاندۇرغۇچ تۇرۇبا تاختىسى قاتارلىق يادرو ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. گىدروستاتىك بازغانلاش سېخىدا، شى جىنپىڭ كارخانا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېڭى بىر ئەۋلاد دۇنياۋى دەرىجىلىك 15 مىڭ توننا ئەركىن بازغانلاش سۇ پىرېسىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىق، بولۇپمۇ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، زامانىۋى چوڭ دۆلەتتە كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر خەلقئارادا يەككە تەرەپچىلىك، سودا قورۇقچىلىقى كۈچەيمەكتە، بىز چوقۇم ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ مېڭىشىمىز شەرت. جۇڭگو تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك.

  9- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ سۇڭيۈەن شەھىرىگە باردى ھەم ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ چاگەنخۇ كۆلىگە باردى. چاگەنخۇ كۆلى دۆلىتىمىزدىكى ئون چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى، جىلىننىڭ دەريا- كۆللەرنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يادروسى. جەنۇبىي كۆل مەيدانىدىكى قىرغاقتا، شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ دەريا- كۆللەرنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. كۈزدىكى چاگەنخۇ كۆلىنىڭ ئاسمىنى ئېگىز، بۇلۇتلار ئاز ئىدى، پايانسىز سۇ يۈزى تۇمان بىلەن قاپلانغانىدى. شى جىنپىڭ پاراخوتقا ئولتۇرۇپ چاگەنخۇ كۆلى جەنۇبىي كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. بېلىقچىلىق مەيدانىنىڭ نەچچە ئون ئىشچى- خىزمەتچىسى تور يېيىپ بېلىق تۇتۇۋاتاتتى، شى جىنپىڭ لەيلىمە كۆۋرۈككە چىقىپ، يېقىن بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىغا سالام بەردى، بەزىلىرى تېخى بايىلا تۇتقان چوڭ بېلىقلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ پىكىرلەشتى، ئۇلاردىن بۈگۈن قانچىلىك بېلىق تۇتقانلىقىنى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى، كىرىمىنىڭ ياخشى- ياخشى ئەمەسلىكىنى سورىدى. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ چاگەنخۇ كۆلىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن ماركا»نى ياخشى قوغداپ، تۇرمۇشىنى يىلدىن- يىلغا باياشات ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كەچكى قۇياش غەربكە ئولتۇرماقتا ئىدى، سۇ يۈزى يېنىك دولقۇنلاپ جىمىرلايتتى، قومۇشلار لەرزان يەلپۈنەتتى، قۇشلار ئەركىن پەرۋاز قىلىشاتتى، چاگەنخۇ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قىرغىقى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، شى جىنپىڭ كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن ئاسما يولنى بويلاپ مېڭىپ، سۇ ئەھۋالى ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك بايلىق، شۇنداقلا شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر ئەۋزەللىك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چاگەنخۇ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بىلەن ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇ يولدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ مېڭىش كېرەك.

  9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ لياۋياڭ شەھىرىگە بېرىپ، جۇڭگو نېفىتچىلىكى لياۋياڭ نېفىت- خىمىيە شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، خام نېفىت پىششىقلاش- سەرخىللاشتۇرۇش- ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش- ئۆزگەرتىش تۈرى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مەركىزىي كونترولخانىغا كىرىپ، چوڭ ئېكران ئارقىلىق كارخانىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالى ۋە لياۋياڭ شەھىرىنىڭ نېفىت- خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ پولىئېستېر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى مولېكۇلا ماسسىلىق پولىستېرىن قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. كونترولخانىنىڭ سىرتىدا، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورنى مۇھىم، رولى ئاچقۇچلۇق، تەڭداشسىز، ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كۈچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھ قىلىپ- يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لياۋياڭ نېفىت خىمىيە شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ لياۋنىڭ جۇڭۋاڭ گۇرۇھىغا كەلدى. بۇ، چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇپ، 25 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق كۆلىمى زور، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان سانائەت سىقىلغان ئاليومىن مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش- ياساش كارخانىسىغا ئايلاندى. كارخانىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ ھەر خىل تىپلىق، ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشىمايدىغان سىقىلغان ئاليومىن مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە يىرىك پىلانىنى ئىگىلىدى. رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى گەۋدىسى ياساش سېخىدا، شى جىنپىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ۋە تېخنىكا تەلىپىنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم يولغا قويۇلغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەتكار بولۇپ ۋە ئىلھام بېرىپ كەلدى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، پۇقراۋى كارخانىلار ئىشەنچىنى چىڭىتىشى كېرەك. «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەي» چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىل مۇھىت ۋە سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام بېرىش، مەدەتكار بولۇش ۋە يول كۆرسىتىش كېرەك.

  فۇشۈن لېي فېڭنىڭ ئىككىنچى يۇرتى، شۇنداقلا لېي فېڭ روھىنىڭ بۆشۈكى. 9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ فۇشۈن شەھىرى لېي فېڭ خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، لېي فېڭنىڭ قەبرىسىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ لېي فېڭ خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، لېي فېڭنىڭ ھاياتى ۋە ئىش- پائالىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، لېي فېڭنىڭ قول يازمىسى، ئەستىلىك بۇيۇملىرى، سۈرەتلىرى قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئالدىغا كەلگەندە، قەدىمىنى توختىتىپ بۇلارنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: لېي فېڭ دەۋر ئۈلگىسى، لېي فېڭ روھى مەڭگۈلۈكتۇر. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ كۆپ دەۋر ئۈلگىلىرىگە موھتاج. بىز ھەم لېي فېڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، ھەم لېي فېڭنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلۇغۋار غايە- ئېتىقاد ۋە ئەخلاق- پەزىلەت ئىنتىلىشىنى كونكرېت ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئادەتتىكى خىزمەت، تۇرمۇشىمىزدا نامايان قىلىپ، تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشۇپ، لېي فېڭ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  فۇشۈن 100 يىللىق كۆمۈر قېزىش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، تىپىك بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەر. كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى قانداق، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدىمۇ- يوق؟ شى جىنپىڭ بۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. 9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ مەخسۇس فۇشۈن كانچىلىق گۇرۇھى غەربىي ئۈستى ئوچۇق كانىغا كېلىپ، غەربىي ئۈستى ئوچۇق كاننىڭ خاڭلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك رايوننى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئەھۋالى ۋە خاڭلارنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىش پىلانىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك رايوننى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە روھ بىلەن باھالاش، دەلىللەشنى ياخشى ئىشلەپ، بىرىكتۈرۈپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. چۈشكە يېقىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ، نەق مەيداندا فۇشۈن شەھىرىنىڭ كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك رايوننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىپ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن يۈفاڭ ئائىلىسىدە، شى جىنپىڭ ئاھالىلەر بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭلاشتى. باش شۇجى كۆيۈنگەن ھالدا تۇرالغۇنى ياخشىلاش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقى، پېنسىيە پۇلى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا ئالالىغان- ئالالمىغانلىقى، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ قولايلىق ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈردى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا: يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، مۇھىت تازىلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، توك، سۇ، گاز بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە بولدى، جامائەت مۇلازىمىتى مەھەللىگە كىردى، تۇرمۇش سۈپىتىمىز خېلى زور دەرىجىدە ئۆستى، دېدى. شى جىنپىڭ بۇلارنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. مەھەللىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئاھالىلەر باش شۇجىنى ئورىۋېلىپ، ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تولۇپ تاشقان چىن ھېسسىيات بىلەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، كەپىلىك مەھەللە ۋە كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك رايوننى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر ھەم شۇنداق قىلىشقا ئىنتايىن ئەرزىيدۇ. بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەرلەر تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتا، ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. باش شۇجى ئاھالىلەر بىلەن بىر- بىرلەپ خوشلاشتى ھەم ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شېنياڭدا شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چيۇفا، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بايىن چاۋلۇ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋېي، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى تونۇشىنى سۆزلىدى، تەسىراتىنى بايان قىلدى، مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي شىمال رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈش بولۇپ، ئۇنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئالغا سىلجىتىش نۇقتىسىدىن ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، ئىرادىنى ساقلاش، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، باشتىن- ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەش، مۇھىتنى قايتا يارىتىش، جاسارەتنى قايتا ئۇرغۇتۇش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تىرىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئالتە جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىش، رايونلارنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات تەپەككۇرىنى پىلانلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، گەۋدىلىك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇش، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، قوغداشقا پايدىلىق بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەپەككۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپتىن تەدبىر قوللىنىپ، قەلبلەرنى مايىل قىلىپ ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالىدىغان شارائىت يارىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى خاتىرجەم قىلىش، ماكانلاشتۇرۇش، كەسىپ بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، زورايتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش، قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىنى پائال يۆلەپ، كۆپ نۇقتا تىرەك بولىدىغان، كۆپ خىل كەسىپ بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىدىغان، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋى چوڭ شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ماس ئېچىۋېتىلگەن بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونى بىلەن شەرقىي رايونلارنىڭ نىشانلىق ھەمكارلىشىشىغا تايىنىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ئالاقە- ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنى ئۆزئارا ھەمتۈرتكە قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، يېشىل تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بايلىق دېگەن قاراشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دۆلەت باغچىسى، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى تېزلىتىپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئۆزگىچە بايلىقى ۋە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سوغۇق رايون قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بەشىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. لياۋنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق چېگرا پورتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىش، ھەممە تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر- يېزىلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ جامائەت ئۇل ئەسلىھەسى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ رېلىسلىق قاتناش، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش، كەڭ بەلباغلىق تور قاتارلىق شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. شەرقىي شىمال رايونىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى يېڭىشى كېرەك. سىياسىي ئېكولوگىيە تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئوخشايدۇ، بۇلغاش ئاسان، تۈزەش تەس. چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چىرىكلىك دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى قاراش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تۈپ يول قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك. ئېچىش- ئېچىۋېتىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي تۈگۈن بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مەۋقە، مەقسەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈردى، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

 

 

  سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى چىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 10 مىڭ مولۇق ئېتىزلىقىدا كۈزگى شالنىڭ ھوسۇل ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم كومبايىن شوپۇرلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەيچى فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى