قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۆلەت بايرىمىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى

2018-10-01 19:39:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كورلا شەھىرى «مەن دۆلەت بايرىقىغا سالام بېرىمەن، مەن دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى.  

 سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 28- كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

(ياڭ كۇن فوتوسى)

گېزىتىمىز ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ- كىچىك كوچىلاردا ئوتقاشتەك دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، گۈل بېزەكلىرى، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قىپقىزىل پانۇسلار ئېسىلىپ، خۇشال- ئىناق بايرام كەيپىياتى شەكىللىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقى خۇشال كۈتۈۋېلىندى.

  ئۈرۈمچى كۆرگەزمە مەركىزى ئەتراپىدىكى پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى گۈل- گىياھلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەت شەكلىدە تىزىلغانىدى. خەلق مەيدانىغىمۇ يېشىل ئۆسۈملۈك ۋە جۇخارگۈلدىن گۈل بېزەك تىزىلىپ بايراملىق كەيپىيات جانلاندۇرۇلغانىدى.  

 قىزىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقى، رەڭگارەڭ گۈللەر، كېچىدە يورۇتۇلغان بىنا... 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، خۇاڭخې يولى بويىدىكى تىجارەتچىلەر بەس- بەستە دۆلەت بايرىقى ئاستى، پىلاكات تارتتى، بەزى دۇكانلارنىڭ ئىچىگە ھەر خىل رەڭدىكى زىننەت بۇيۇملىرى تىزىلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى شەكىللەندى. ساي يولىنىڭ ئىككى ياقىسىغا، بەش خىل رەڭلىك ئوت- چۆپتىن ئالتە گۇرۇپپا ئىستېرېئولۇق شەكىل چىقىرىلغان بولۇپ، «شىنجاڭ تەسىراتلىرى»، «مەززىلىك مېۋە- چېۋىلەر» قاتارلىقلار بار ئىدى.  

 9- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ، كورلا شەھىرىدىكى مەھەللە، دۇكان ۋە شەھەر ئاھالىلىرى بەس- بەستە دۆلەت بايرىقى ئېسىش ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى. شامالدا جەۋلان قىلىۋاتقان دۆلەت بايرىقى كورلىنىڭ ھەممە يېرىنى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش قويۇق كەيپىياتىغا چۆمدۈرگەنىدى. شەھەر ئاھالىسى جاڭ شيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىشىمىز ۋەتەنگە بەخت تىلەش ئۈچۈن!  

 كورلا شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىغا سەبدە گۈل، شەلپەرگۈل، ھەشقىپىچەك قاتارلىق گۈللەردىن 870 مىڭ تەشتەك، ھەپىرەڭ، سىكاس دەرىخى، ئەجدىھا دەرىخى قاتارلىق ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردىن 4500 تەشتەك تىزىلدى، يول ئوتتۇرىسىغا 6.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئايرىش گۈل ساندۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كورلا شەھىرى يەنە شەھەر رايونىدىكى ئاساسلىق كوچىلاردىكى يول چىراغلىرىغا پانۇس ۋە جۇڭگو تۈگۈچى ئاستى.   بورتالا شەھىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش، بايرام شادلىقى ناخشىسىنى قويۇش، پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق بايرام كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، ئانا ۋەتەننىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ بازىرىدىكى «دېھقان كەشپىياتچى» شۈ شىڭۋاڭ، شۈ شياۋبو ئاتا- بالا يېڭى زاۋۇت بىناسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا دۆلەت بايرىقى ئاستى، ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئۇلارنىڭ چېھرىدىن بەخت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. شۈ شياۋبو مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن چەكسىز ھاياجانلىق كەيپىياتى ئىچىدە يېڭى زاۋۇت بىناسىنىڭ ئالدىغا دۆلەت بايرىقى ئېسىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى تىلىدىم!

  9- ئاينىڭ 29- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كوچىلىرىدا «ۋەتىنىم، بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ» دېگەن ناخشا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يىراققا نەزەر سالساق، يول چىراغلىرى بىلەن كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە جەۋلان قىلىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار، ئېسىلغان جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى ئامىلىغا ئىگە جۇڭگو تۈگۈچى ۋە قىپقىزىل پانۇسلار كوچىلارنى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈرگەنىدى. يېزا- كەنت يولىدىكى مەدەنىيەت تېمىغا «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى»، «جۇڭگو ئارزۇسى» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بەش يولتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى، بالىلار شاد- خۇرام ئۆيلىرىگە قايتىۋاتاتتى، ھەممىلا جايدا بەخت ۋە ئىناقلىقنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.  

 ئاۋات ناھىيەسىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، ھەممە جاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش قويۇق كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر مىللەت ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن رەتلىك كىيىنىپ، «مەن دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىمەن. مەن ۋەتىنىمگە بەخت تىلەيمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.  

 شۇ كۈنى، ساۋەن ناھىيەسى سەندوخوزا بازىرى كەيشۇەن يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاۋ خۇڭشيا خەت بېسىش، نۇسخىلاش دۇكىنىدا دۆلەت بايرىقى ئېسىش، گۈل، شار تىزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمى كۈنى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم كۈن، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ جەۋلان قىلغىنىنى كۆرسەم، ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.  

 (گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى يې شياۋمىن، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نى نا، جاڭ ۋېنمىن، جاڭ ۋېيشۇ، لى ۋېنخۇڭ يازغان)

دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، جىڭ ناھىيەسىنىڭ جىنيۈەن مەھەللىسى ئەنئەنىۋى قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى

 سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، مەھەللە كادىرلىرى ئاھالىلەر بىلەن بىللە قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلماقتا.

(قۇربانجان مامۇت فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى