قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نۇرجا جىلغىسى بىر قىسىم كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تاللىشى ۋە ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى

2018-10-01 20:50:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سانجى شەھىرىگە 35 كىلومېتىر كېلىدىغان نۇرجا جىلغىسى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە يارداڭلىق يەر شەكلىگە ئىگە بولغانلىقتىن، بىر قىسىم كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تاللىشى ۋە ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، تارىخ تېما قىلىنغان «بۈيۈك چىن خانلىقى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سانجى شەھىرىنىڭ ئاشىلى يېزىسىدىكى نۇرجا جىلغىسىدا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. باش رېژىسسور يەن يى مۇنداق دېدى: سۈرەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە مەنزىرە تاللىدۇق. نۇرجا جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يەرنى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش بازىسى قىلىپ بېكىتتۇق. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن. نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر بۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىنىدۇ.
نۇرجا جىلغىسى جەنۇبتىن شىمالغا 10 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغلار تىك بولغاننىڭ ئۈستىگە رەڭگا-رەڭ غەلىتە تاشلار ناھايىتى كۆپ. ھەر كۈنى كەچكى شەپەق نۇرىدا، ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە يارداڭلىق يەر شەكلى بۇ يەرگە تېخىمۇ گۈزەل ھۆسۈن قوشىدۇ. سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى قۇۋانىش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016- يىلى «بۈيۈك تاڭ شۈەنزاڭ» نۇرجا جىلغىسىدا سۈرەتكە ئېلىنغانىدى. بۇلتۇر «باۋچىڭتىيەن» دېگەن فىلىممۇ مۇشۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىندى. ھازىر كۆپلىگەن ساياھەت شىركەتلىرى، كىنو- تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ۋە يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ ھۆججەتلىك فىلىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولارنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرجا جىلغىسىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق، يىراقتىكى تاغ چوققىسى، ئوتتۇرا قىسىمدىكى قاتمۇ-قات تاغلار، بىپايان يايلاقلار، توپ-توپ قوي-كالىلارنىڭ ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. پۈتكۈل جىلغىدا شەكىللەنگەن ئۆزگىچە تەبىئىي پۇراق ساياھەتچىلەرنى ناھايىتى جەلپ قىلدى. قۇمۇلدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ لەنلەن مۇنداق دېدى: بۇرۇن كۆرگەنلىرىم سېرىق قۇم، ئادەتتىكى سۆگەتلەر بولۇپ، رەڭگى ناھايىتى ئاددى ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ھەيران قالدىم، بۇ يەر بەك گۈزەلكەن، ھەممە يەر رەڭداركەن، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىكەن.
ھازىر سانجى شەھىرى نۇرجا جىلغىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ساياھەت پىلانى تۈزۈپ، ساياھەت نۇقتىسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتى. سانجى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گوجىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇرجا جىلغىسىنىڭ تەبىئىي قىياپىتىدىن پايدىلىنىپ سانجى شەھىرىنىڭ ساياھەت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى سانجى شەھىرىگە ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىمىز.

  تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى