قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتاي گازىرى

2018-10-01 21:20:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتاي شىمالىي كەڭلىك 48 گرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى تەخمىنەن 3 مىڭ سائەت، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا پەرقى تەخمىنەن 17 سېلسىيە گرادۇس كېلىدۇ. ئالتايدا 300 مىڭ مو ئاپتاپپەرەس ئېكولوگىيە بازىسى بار، سۇغۇرۇشتا بىۋاستە ئېگىز تاغلاردىن كەلگەن قار سۈيى ئىشلىتىلىدۇ، شەھەر ۋە سانائەت بۇلغىمىسىغا ئۇچرىمىغان. شۇڭا بۇ يەردە ئۆسكەن ئاپتاپپەرەسلەر يوغان، دېنى توق، يەنە پاكىز كېلىدۇ.
 بۇلغانمىغان گازىر يەنە تازىلاش، ئايرىش، ساپلىقىنى ئاشۇرۇش، قۇرت يېگەن گازىرلارنى ئىلغاش، رەڭ تاللاش، دەرىجىگە ئايرىش، قورۇش، قول بىلەن تاللاش قاتارلىق ئون نەچچە ئىش تەرتىپىدىن كېيىن ئاندىن قولىڭىزغا كېلىدۇ. گازىر قورۇشتا ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلاردىن تۇزلا بار بولۇپ، ناھايىتى پاكىز. گەرچە ئەسلى تەمدىكى گازىر بولسىمۇ، لېكىن سەل تۇزلۇق كېلىدۇ.ئالتاينىڭ گازىرىنىڭ شاكىلى تەبىئىي پارقىراق بولۇپ، ناھايىتى سىلىق، چاڭ ـ توزان ۋە ئۇۋاقلىرى يوق، مېغىزىمۇ ئادەتتىكى گازىر مېغىزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى