قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەرگەن قەسىمىمنى ئۇنتۇمايمەن

2018-10-01 21:22:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۈنەس ناھىيەسىدىكى ياۋا مېۋىلىك دەرەخ سورتىنى ئۆزگەرتىش مەيدانىدا چارۋا مال دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن ياڭ فۇشەن ئىزچىل باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلدى. ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە ياردەمگە موھتاجلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى،
ياڭ فۇشەن بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن بولۇپ، چۇڭچىڭدىن. ئۇ 1956- يىلى شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مال دوختۇرلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن تەقسىمات بويىچە شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كۈنەس ناھىيەسىدىكى ياۋا مېۋىلىك دەرەخ سورتىنى ئۆزگەرتىش مەيدانىدا 22 يىل چارۋا مال دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ياڭ فۇشەن مۇنداق دېدى: ھازىر پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەيمەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.
21 ياشلىق نۇرتىلەك ئاخمانبېك ئىلگىرى كۈنەس ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ ھازىر ياڭ فۇشەننىڭ ياردىمىدە خۇنەن داشۆسىدە ئوقۇۋاتىدۇ. نۇرتىلەك ئاخمانبېك مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانام تازىلىق ئىشچىسى، ئاكام ئۈرۈمچىدە كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىنىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئەمما، ئوقۇش خىراجىتىدىن ئەنسىرىدىم. ياڭ بوۋام ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلدى. مەن چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 534 نومۇر ئېلىپ بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىگە قوبۇل قىلىنغان كۈنەس ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى پىڭنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاغرىقچان بولۇپ، ئېغىر ئىش قىلالمايتتى. ئاچىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. ئۇمۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، نۇرتىلەك ئاخمانبېككە ئوخشاش گاڭگىراپ قالغانىدى. ياڭ فۇشەن ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ياڭ فۇشەن مۇنداق دېدى: 2015- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمەن. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىم.
  ياڭ فۇشەن 2013- يىلى «مەدەنىي كۈنەسلىك» شەرىپىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. ئۇ ئەتىسىلا مۇكاپات پۇلىنى ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ئىئانە قىلىپ، مېيىپلەر خىزمىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 كۈنەس بازىرىنىڭ بەخت يولىدا ئولتۇرۇشلۇق رەشىدە، «زېشىن» يولىدا ئولتۇرۇشلۇق شاماش، تالدى بازىرى مىس كەنتىدىكى باھارگۈل، بەشتۆپە مەھەللىسىدىكى ئابلىز... بۇلار ياڭ فۇشەننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن نامرات ئائىلىلەر. ئۇلار پەرزەنتلىرىگە ھەمىشە ياڭ فۇشەننى ئۈلگە قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان كىشىلەردىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.
2015- يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى ياڭ فۇشەننىڭ تۇيۇقسىز دېمى سىقىلىپ جىددىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. شۇ كۈنى كەچتە كۈنەس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۇنى يوقلاپ كەلدى، بۇ ئىش ئۇنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.
 ياڭ فۇشەن مۇنداق دېدى: گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، ھەر ۋاقىت ئىدىيەدە ھەرگىز بوشاپ قالمايمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، گۈزەل، بەختلىك كۈنەس قۇرۇپ چىقىشقا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن. دۆلەت مېنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمەن. ھازىر ئازغىنە پۇل چىقىرىپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلسام، بۇ مەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. مەن چوقۇم ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بەرگەن قەسىمىمنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى