قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى

2018-10-02 19:25:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار قاتناشتى

9- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىدى. 

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغىدا ساداقەت روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشتەك قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىدى.
  ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ھەيۋەتلىك سۈكۈتكە چۆمگەنىدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېگىز جەۋلان قىلاتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
  قارىغاي ۋە ئارچىلار يېنىك تەۋرىنىپ، ئابىدە تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سائەت 11دە، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر دۆلەت شېئىرىنى تەكشى ئۈنلۈك ئوقۇدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى مەيدان ئاسمىنىدا ياڭرىدى.
  دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولۇشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
  تەزىيە بىلدۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پىيونېرلار ئەترىتىدىكىلەر «بىز كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى»نى ئوقۇدى ھەم بىرلىكتە پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.
  چاسا سەپنىڭ ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى تەقدىم قىلغان توققۇز گۈل سېۋىتى مەيدانغا قاتار رەتلىك تىزىلغانىدى، قىزىل لېنتا ئۈستىگە «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك سەككىز خەت يېزىلغانىدى.
  چوڭقۇر ھېسسىياتلىق «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»غا ئەگىشىپ، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.
  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ قاتارلىقلار پەلەمپەيدىن چىقىپ، گۈل سېۋەتلىرىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوڭشىدى. ئارقىدىنلا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
  ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلارنىڭ قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتەك ئۇلۇغۋار غايىسىنى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقارماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ساقلاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چەكسىز كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.
  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى