قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018-10-02 20:00:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىي مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ئېتىراپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش-- پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدىغان كونكرېت تەدبىر، شۇنداقلا ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تۈزۈمى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مېيىپ بالىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» دە، قۇتقۇزۇش ئوبيېكتى، قۇتقۇزۇش مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمى، خىزمەت تەرتىپى، خىراجەت كاپالىتىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كونكرېت خىزمەت تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، مېيىپ بالىلار ئائىلىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل كاپالەتكە ئىگە بولغۇسى.
يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا ئىشنى كارخانا ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەمىنلەش يۆنىلىشىدىن ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، كەسىپتە ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر تور ئارقىلىق بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىپ، خەلق ئاممىسى رازى بولغان مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا يەنە مۇنداق دېيىلدى: سۈپەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش-- كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، سۈپەت باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە، ئىقتىسادنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ئېتىراپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لايىھەسى»دە، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى كېڭەيتىلدى؛ بىر تۇتاش باشقۇرۇش، ئورتاق يولغا قويۇش، نوپۇزلۇق ۋە ئىشەنچلىك بولۇش، ئورتاق ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت سۈپەت گۇۋاھلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، سۈپەت گۇۋاھلىقى بېرىش سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى؛ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى سۈپەت دەۋرىگە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى