قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تيەن شۆمېي ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى سۆكمەن كەنتىگە بارغاندا يۇرتداشلارنى يوقلاپ، مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى

2018-10-02 20:22:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىسادىي تەپتىش باشقارمىسىنىڭ كادىرى تيەن شۆمېي ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەنتتىكى يۇرتداشلارنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇردى. ئۇ ھەر قېتىم ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى سۆكمەن كەنتىگە بارغاندا يۇرتداشلارنى يوقلاپ، مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، تيەن شۆمېي يەنە سۆكمەن كەنتىگە كەلدى. قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئامىنەم نۇردۇننىڭ ئۆيىگە كىرىشى بىلەن، تۇغقانلىرى ئۇنى يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. تيەن شۆمېي ئازادە، يورۇق ئۆيدە سافا، چاي ئۈستىلى، كىيىم ئىشكاپى قاتارلىق ئۆي جاھازلىرىنىڭ ھەممىسى تەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدى. تيەن شۆمىي مۇنداق دېدى: سىڭلىمنى ئىزچىل ئويلاپ كەلدىم. بۇ قېتىم كەنتكە كېلىپ، سىڭلىمنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خوش بولدۇم.
تيەن شۆمېي بۇلتۇر،«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرغان مەزگىلدە، دائىم ئامىنەم نۇردۇننى يېڭى دەۋردىكى ئاياللاردىن بولۇش، بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قېتىم قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر تۇغقىنىنىڭ چوڭ ئوغلى ئادىل پراكتىكا قىلىۋاتقان ھەمدە ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، تولۇق3- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان كىچىك ئوغلى ئاسىمنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن دائىم تىيەن شۆمېي بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشاتتى ھەمدە ئۇنى «تيەن ئاپا» دەپ ئاتايتتى. ئامىنەم نۇردۇن مۇنداق دېدى: تيەن ئاچام ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتقاندا، مەن ئۇنى بەك سېغىنىمەن. بالىلار ئۈندىداردا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇق- تۇغقاندارچىلىقنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تيەن شۆمېي بۇ قېتىم تۇغقان يوقلاشتا، ئىككى ئاتاق ئوغلىنىڭ ئوقۇشىغا يەنە بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئادىلغا كەسپ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈشىگە كۈچ قوشۇشنى ئويلاۋاتىمەن. ئاسىم بۇ يىل تولۇق3- يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، تەكرارلاش ماتىرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىمەن. ئۇنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تيەن شۆمېي كەنتتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، سۆكمەن كەنتىدىكى ئايزىمگۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەشتىن ئەندىشە قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن تيەن شۆمېي ئۇلارغا قايتا- قايتا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ھازىر ئايزىمگۈلنىڭ ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ ئەنخۇيدا ئىشلەۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەش ئالدىدا تۇرغان ئايزىمگۈل بۇ قېتىم تيەن شۆمىينى كۆرۈپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تيەن شۆمېي مۇئەللىم خىزمەت ئەترىتىگە كەلگەندىن كېيىن، بىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىنىم ۋە كېلىن سىڭلىمنى ئەنخۇيغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. بىزمۇ ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەپ، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمىز.
تيەن شۆمىي مۇنداق دېدى: كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، مەن بەك يېقىملىق ھېس قىلدىم. مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار. ئىشىنىمەنكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى