قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گەنسۇلۇق قىز ئەن سىفاڭنىڭ گۈلدەك ھاياتى

2018-10-02 20:24:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن گەنسۇلۇق قىز ئەن سىفاڭ گۈلنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ گۈل ئۇستىسى بولدى ھەمدە ئۈرۈمچىدە گۈل دۇكىنى ئېچىپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولى بىلەن ئۆزىنىڭ گۈلدەك بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتتى.
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 4- نۆۋەتلىك باغۋەنچىلىك ساھەسى «ئېكولوگىيە لوڭقىسى» نى تالىشىش ئەمگەك ماھارىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئەن سىفاڭ ۋە باشقا باھالىغۇچىلار ماھىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشقا قاتناشتى. ئەن سىفاڭنىڭ ئالىي گۈلچىلىك ئۇستىسى سالاھىيەت كىنىشكىسى بولغاچقا، ئۇدا تۆت قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باغۋەنچىلىك ساھەسىدىكى ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ باھالىغۇچىسى بولدى.
بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ئەن سىفاڭ گەنسۇ ئۆلكىسى دىڭشى شەھىرىنىڭ گۈيچىڭشەن بازىرىدىن بولۇپ، 2006- يىلى گەنسۇدىكى پاختا تەرگۈچىلەرگە ئەگىشىپ، يۇرتىدىن شىخەنزىگە پاختا تەرگىلى كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تاپقان 3 مىڭ يۈەن پۇلىغا ئۈرۈمچىدىكى گۈل ئۇستىسى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، بۇ ھۈنەرنى ئىگىلەپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئەن سىفاڭ مۇنداق دېدى: كۇرستا راسقا تەقلىد قىلىنغان گۈل ياساشنى ئۈگەندىم، بۇ جەرياندا قولۇممۇ قاپىرىپ كەتتى، شۇ چاغدا مەن بۇنداق جاپالىق كەسىپنى تاللاپ نېمىمۇ قىلارمەن دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم.
لېكىن، ئەن سىفاڭدا گۈلگە ئوتتەك قىزىقىش، كۈچلۈك ھەۋەس بولغاچقا، ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. گۈل ئۇستىسى سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، گۈل دۇكىنىدا ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر كۈنى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلتسىيە گىرادۇس ئىدى، گۈل چەككىلى چىققاندا ئىككى قولۇم ئۈششۈپ قالدى، قوللىرىمنىڭ ھەممە يېرىگە سۇلۇق قاپارتما چىقىپ، نەچچە كۈنگىچە ئىش قىلالمىدىم.
ئەن سىفاڭ بىر نەچچە يىللىق چېنىقىش ئارقىلىق گۈل سەنئىتى جەھەتتە ئىلگىرىلەپلا قالماي، يەنە ئىگىلىك باشقۇرۇشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى. 2012- يىلى ئۇنىڭدا گۈل دۇكىنى ئېچىش ئويى پەيدا بولدى. لېكىن، مەبلىغى يېتىشمىگەنلىكتىن، ئالدى بىلەن تور دۇكىنى ئاچتى. ئەن سىفاڭ مۇنداق دېدى: ئۆيۈمنىڭ ھەممە يېرى ھەر خىل گۈللەر بىلەن توشۇپ كىتەتتى، گۈللەرنى ئۆزۈم تىكىپ پەرۋىش قىلاتتىم، كۈنىگە نەچچە مىڭ يۈەنلىك سودا بولاتتى.
زاكاز يوق ۋاقىتلاردا، ئۇ يەنە مېھمانساراي، توي مۇراسىمى شىركەتلىرىگە بېرىپ گۈل تىزدى، گۈل پەشتىقى ياساپ پۇل تاپتى، بەزىدە ھەتتا يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش ئىشلىدى. ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، ئەن سىفاڭ 2014- يىلى يىغقان 150 مىڭ يۈەن بىلەن گۈل دۇكىنى ئاچتى. ئەن سىفاڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پاختا تەرگۈچى قىزدىن ئالىي گۈل ئۇستىسى ۋە يىلىغا 100 نەچچە مىڭ كىرىم قىلىدىغان گۈل دۇكىنى خوجايىنىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتتى. ئەن سىفاڭ مۇنداق دېدى: دۇكاننىڭ تىجارەت كىرىمى بەزىدە كۈنىگە نەچچە مىڭ يۈەن بولىدۇ. مەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈل دۇكىنىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمەن.
  تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى