قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇ ئاكامغا رەھمەت

2018-10-02 20:52:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرى پۇ شيۇخۇ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان سەمەت ئابلانىڭ ياڭاق دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش، ياڭاقنى يىغىش، ياڭاق سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، سەمەت ئابلانىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
ھازىر دەل ياڭاقتىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل. مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزا تۆۋەن تاۋا كېسسىك كەنت ئاھالىسى سەمەت ئابلا 9 مو يېرىدىكى ياڭاقنى خېلى ياخشى باھادا ساتتى. سەمەت ئابلا مۇنداق دېدى: پۇ شيۇخۇنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشۇم ياخشىلاندى. پۇ ئاكام ئىزچىل ماڭا ياردەم بېرىپ كەلدى. ئۇ يەنە مېنىڭ ياڭاقلىرىمنى سېتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇ يىل مەن 9 مو يېرىمدىكى ياڭاقلىرىمنى ياخشى باھادا ناھايىتى تېزلا سېتىپ بولدۇم. پۇ ئاكامنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا پۇ شيۇخۇ سەمەت ئابلانىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىگەچ، سەمەت ئابلانىڭ نامراتلىق سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. ئۇ ئىلگىرىكى يىللاردا سەمەت ئابلانىڭ چىقىمنى تېجەش سەۋەبلىك، ئوغۇتنى دەل جايىدا ئىشلەتمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلمىي ئۆستۈرۈش، تېرىقچىلىق تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن، ياڭاق دەرەخلىرىنى ۋاقتىدا چاتىماي، ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئالالمىغانلىقىنى بايقىدى. پۇ شيۇخۇ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا ياڭاقلىرىنى ياخشى باھادا ساتالمىدى. مەن يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىغا دائىر كىتابلارنى تېپىپ، توردىن بىر قىسىم ماتىرىياللارنى ئىزدەپ، ئامال قىلىپ بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىلارنى ئۇنىڭغا ئۈگىتىپ، ئۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياڭاقلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ياڭاقلىرىنى ياخشى باھادا سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەملەشتىم. بۇ يىلقى ياڭاقنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن سەمەت ئابلا ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. يېقىندا پۇ شيۇخۇ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ سەمەت ئابلاغا خىزمەت تېپىپ بەردى. سەمەت ئابلا تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ئايدا ئاز دېگەندە 2 مىڭ 500 كىرىم قىلدى، ئۇ بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ياڭاق ۋە كۆممىقوناق ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يىلدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايتتىم. ھازىر بىر ئايدىلا 2 مىڭدىن 3 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلىمەن. پۇ شيۇخۇڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر ئاقكۆڭۈل ئاكامنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى