قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز پەن- تەتقىقاتنى تايانچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى

2018-10-03 12:51:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار بازار ئېھتىياجى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تەتقىقاتنى قوللاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بازارغا ماس كەلگەن مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ،1-،2-، 3- كەسىپنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باغۋەنچىلىكنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇردى.
9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدىكى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق ئانار پىشىش مەزگىلىگە كىردى. قىپقىزىل ئانار پىيالما يېزىسىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلىنىپ، ئانارنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 9 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يەتتى. گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدىكى دېھقان قاۋۇز ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، 70 مىڭ يۈەنلىك ئانار ساتقانىدىم. بۇ يىل، بىر مو يەردىكى ئانارنى 16 مىڭ يۈەنگە ساتالايمەن. مەندىن ئانار سېتىۋالىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، بۇ يىل 80 مىڭ يۈەنلىك ئانار سېتىشىم مۇمكىن.
ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيادىكى ئالتە چوڭ مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بەلبېغىنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق مېۋە ماكانى. شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ مەھسۇلاتلار ھەم داڭلىق «نام كارتىسى»، ھەم دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ھازىر، گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسىدا سەھرا ئارامگاھى قۇرۇشقا پائال تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى يېزا ئىقتىسادىي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاناردىن پايدىلىنىپ، ئانار ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئانار بازىرى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئانار چېچىكىدىن ھوزۇرلىنىش، كۈزدە پىشقان ئانارغا ئېغىز تېگىش، قىشتا ئانار شەربىتى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئانار كەسپى ئارقىلىق پۈتۈن يېزىدىكى خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىمىز؛ ئانار دەرىخىنى پۈتۈن يېزىدىكى پۇقرالارنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.
بۇ يىل، قۇمۇل شەھەرلىك باغۋەنچىلىك ئىشخانىسى باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باغۋەنچىلىك پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قۇمۇل شەھىرى يەنە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوران ۋە قۇم- بوراندىن مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك ئۇنىۋېرسال سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. قۇمۇل شەھەرلىك باغۋەنچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جياۋ جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز چىلان پەن- تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىن جەمئىي 10نى قۇردۇق. ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 2 مىڭ 800 مو بولۇپ، چىلاندا بولىدىغان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تۈرىنى يولغا قويدۇق. ھازىرغىچە، تەربىيەلەش قېتىم سانى 229 غا، تەربىيەلەنگەن دېھقانلارنىڭ سانى 7 مىڭ 656 ئادەم قېتىمغا يەتتى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز پەن- تەتقىقاتنىڭ تايانچ بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئىككى كۈندىن بۇيان، ماناس ناھىيەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم بازىسىدا دېھقان لېي جيەنگو ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، يەشىكلەرگە قاچىلاپ توشۇدى. بۇ يىل، گېرمانىيە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈزۈم ھارىقى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن «2015- يىلى ئېچىتىلغان نىيە قىزىل شەپەق ئۈزۈم ھارىقى» دەل ماناس ناھىيەسىدىن چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ خىل ئالىي دەرىجىلىك قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنىڭ بىر بوتولكىسىنىڭ باھاسى نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. شىنجاڭ «جۇڭشىن» گوئەن ھاراقچىلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، باش ئاگرانوم دۇڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: كەسپ تەرەققىياتىنىڭ سىجىل تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى سورتلارنى جەلپ قىلىپ، مەھسۇلاتقا چەك قويۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. دىھقانلار يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ، يېڭى سورتنى كىرگۈزۈپ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاچقا ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەچكە، كۆپ تەرەپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش نىشانىغا يەتتى.
كېيىنكى قەدەمدە، ماناس ناھىيەسى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارنى ئەلا سۈپەتلىك ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم كەسپى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى نىشانلىدى. ماناس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئېكولوگىيەلىك نام كارتىسىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ كىرىم ئېلىپ كېلىپ، بۇ كەسىپنى ئۈزلۈكسىز ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلات مىقدارى 7 مىليون 600 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 54 مىليارد يۈەنگە يىتىشى؛ باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىدىغان جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغۋەنچىلىك كىرىمىنىڭ %35 تىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلىشى مۆلچەرلەندى.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى