قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىخەنزە شەھىرىدىكى «مەرۋايىت دەرياسى» كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرىدىغان سۇ باشلاش ئۆستىڭىدىن مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە دەرياسىغا ئايلاندى

2018-10-03 12:54:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
كۆپ يىللىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، شىخەنزە شەھىرىدىكى «مەرۋايىت دەرياسى» كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرىدىغان سۇ باشلاش ئۆستىڭىدىن مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە دەرياسىغا ئايلاندى. ئۇ خۇددى شەھەرگە نەقىش قىلىنغان رەڭلىك لېنتىغا ئوخشاش، چۆللۈكتىكى مەرۋايىت شەھەر شىخەنزىگە ئاجايىپ گۈزەللىك ئاتا قىلدى ھەمدە جەنۇبىي جۇڭگو پۇرىقىغا ئىگە قىلدى.
«مەرۋايىت دەرياسى» نىڭ تېگى- تەكتى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرى 1976- يىلى ياسىغان سۇغىرىش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە «مويىن» ئۆستىڭى ئىدى. «مويىن» ئۆستىڭىنىڭ رولى بىرلا خىل بولغاچقا، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمىدى. 2014- يىلى «مويىن» ئۆستىڭىنى ئۆزگەرتىش 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى شىخەنزە شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە باشلاندى. 2015- يىلى قۇرۇلۇشنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. 2016- يىلى «مويىن» ئۆستىڭىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ سۇ باشلاندى ھەم بۇ مەنزىرە ئۆستىڭىگە «مەرۋايىت دەرياسى» دەپ نام بېرىلدى. مەرۋايىت دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5.6 كىلومېتىر، سۇ يۈزىنىڭ كۆلىمى 53 مىڭ كۋادرات مېتىر، سۇ يۈزىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 107 مېتىر كېلىدۇ. ئۆزگىچە «پەلەمپەي ئېتىز» شەكلىدىكى قۇرۇلما، قاتلاممۇ- قاتلام تۇتاشقان شارقىراتما توپى، گۈزەل كۆلدىكى كىچىك ئاراللار... كونا ئۆستەڭنىڭ ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولغان شىخەنزەلىكلەرنى ھەيران قالدۇردى. 60 نەچچە ياشلىق شىخەنزە شەھەر ئاھالىسى لى ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ دەريانىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، كۆكەرتىشمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇ دەريا پۈتكەندىن كېيىن، دەريا بويىدىكى پۇقرالارمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۇق. ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق گۈزەل مۇھىتتىن بەھرىمان بولىدىغان بولدۇق.
شىخەنزە شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، «مەرۋايىت دەرياسى» شىخەنزە شەھەر رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىگە ئايلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ شەھەرنى كېسىپ ئۆتتى. 2- قارارلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىزىل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، تارىخ، تاغ، سۇ، ئورمان، شەھەردىن ئىبارەت 5 قىسىمغا ئايرىلدى، كۆپ نۇقتا ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تېما ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نەپىس مەنزىرىلەر يارىتىلىپ، مەرۋايىت دەرياسى بويىدا تەدرىجىي ھالدا كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، سەيلە- ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال بەلباغسىمان باغچا شەكىللەندى. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغى خۇددى غايەت زور زۇمرەت مارجانغا ئوخشايتتى، بۇ يەردىكى ئەرمۇدۇن، قارىياغاچ، سۆگەت، قارىغاي، سېرىنگۈل، قىزىل مېۋىلىك دۇلانە قاتارلىق 160 نەچچە خىل دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلار گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، دەريا قىرغىقى ۋە كىچىك ئاراللاردا ئۇسلۇبى ئۆزگىچە شىپاڭ ۋە راۋاقلار سېلىنغانىدى. كەچ كىرىشى بىلەن، ھەر خىل رەڭدىكى چىراقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. شاڭخەيلىك ساياھەتچى گاۋ مۇيۆ مۇنداق دېدى: بۇ باغچا بەك ھەيۋەتلىك، بەك ئۇزۇنكەن، مەن شاڭخەيدىمۇ بۇنداق چوڭ باغچىنى كۆرۈپ باقمىغان. كېچىلىك مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەلكەن، باغچا ئىچىدە ماڭسىڭىز ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلىنىپ كەيپىياتىڭىز كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن، بۇ دەريانىڭ مەنزىرىسىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم.
شىخەنزە شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھازىر دەريا قىرغىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاۋاتىدۇ. شىخەنزە «مەرۋايىت دەرياسى» نىڭ باشلىقى يې شېڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەنزىرە دەرياسىنى لايىھەلەش ئىدىيەسىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. مەخسۇس چېنىقىش يولى بار، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىلىپ، تېخىمۇ چوڭ دالا باغچىسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى زور بەخت ۋە شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى