قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

2018-10-03 12:57:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جانبۇلاق مەنزىرە رايونى نېپىز بىر قەۋەت قار بىلەن قاپلانغانىدى، جيۇليەن كۆلى، شېڭشۈيتەن، قېيىن دەرىخى قاتارلىق ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە نۇقتىلىرى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ، كەچ كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. شەنشىلىك ساياھەتچى جېڭ خانىم مۇنداق دېدى: جانبۇلاق ناھايىتى گۈزەل ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدىكەن، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپكەن، شىنجاڭ ھەقىقەتەن بىپايان، گۈزەل ئىكەن، ھەقىقەتەن بىكارغا كەلمەپتىمەن، پۇرسەت بولسا تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگۈم بار.
گۇچۇڭ ناھىيەسى بۇ يىل پۈتۈن پەسىللىك ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىش، ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش، قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار «سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت» پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى «گۈزەل گۇچۇڭ» غا كېلىشكە جەلپ قىلدى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ دى مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالايدۇ، ئېسىل تائاملارنى تېتىيالايدۇ، ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يەنە جانبۇلاق مۇزىكا بايرىمى، غەربىي شىمال بوكس پادىشاھى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق، كۈز ۋە قىش پەسللىك ساياھەتنى جانلاندۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جانبۇلاق مەنزىرە رايونى 10 مىڭ تال كىرىش بېلىتىنى ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.
  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەدىمىي شەھەر مەنزىرىسى، قۇملۇقتىكى توغراقلىقلارمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ئەسلىدىكى ئاساسىدا يەنە يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن «قەدىمىي شەھەر تەسىراتى» يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى كوچىسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت قىلىش تەسىراتىنى يەنىمۇ بېيىتتى. لياۋنىڭلىق ساياھەتچى يۈەن شېڭجيې مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كېلىشىم، مەن بۇ يەردىكى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنى خۇشال- خۇرام، ئازادە ئويناش، سەيلى- ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «ئۆكتەبىر» دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە «يىپەك يولىنى كۆرۈش، غەربنى ساياھەت قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش مەخسۇس پويىزىنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەننى ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارغا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: بۇ مەخسۇس پويىز 9- ئاينىڭ 30- كۈنى يولغا چىقتى، مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى قايتىپ كېلىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە بىز يەنە مۇشۇ ئاينىڭ 12-، 14- كۈنلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش مەخسۇس پويىزىنى يولغا سالىمىز. ھازىر بۇ پويىزغا ئولتۇرغان ساياھەتچى 1 مىڭ 40 كىشىگە يەتتى. ئۇلار ئاساسلىقى سىچۈەن، خۇنەن، شاڭخەي، گەنسۇ، شەندۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن.  

 تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى