قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاناتلانغان ئارزۇ

2018-10-03 13:13:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قومۇل شەھىرى «شىننۇڭرېن» يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى دۇ ۋېيدۇڭ ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلان تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش يولىدا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دۇ ۋېيدۇڭنىڭ ئارزۇسىنى قانات قىلىپ ئۇچۇپ، ئۇنىڭغا «مەن كۈرەش قىلىمەن، مەن بەختلىك» دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ھېس قىلدۇردى.
ھازىر دەل كېۋەزگە يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسى چاچىدىغان مەزگىل. دۇ ۋېيدۇڭ ئۆزىنىڭ شىركىتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانى بىلەن، دېھقانلارنىڭ 60 مو يېرىگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى 10 كىلوگىرام. بۇنىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى تىراكتور ۋە ئادەم يۈدۈپ ئىشلىتىدىغان پۈركۈگۈچنىڭ ئۈنۈمىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى.
28 ياشلىق دۇ ۋېيدۇڭ- قومۇل شەھىرىنىڭ بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدىن. ئۇ 2015- يىلى لياۋنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئۇرۇقچىلىق ۋە سېتىش كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاۋۋال تيەنجىن، خەينەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرىنى سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، 2016- يىلى قۇمۇلغا قايتىپ بۇ شىركەتنى قۇردى. تەجرىسى كەمچىل بولغاچقا، تۇنجى يىلى ئىگىلىك تىكلەشتە 300 مىڭ يۈەن زىيان تارتتى. دۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: دورا ئىشلىتىش جەھەتتە، بىلىدىغانلىرىم، چۈشەنچەم يېتەرلىك ئەمەسكەن، يەنە قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تۇنجى باسقان قەدىمىمدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىدىم.
ئىككىنچى يىلى، دۇ ۋېيدۇڭ تىجارەت شەكلىنى تەڭشەپ، تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىغا ئوخشاش دېھقانچىلىق ماددى ئەشيالىرىنىڭ ماركىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، بازىرى تېز، ئىناۋىتى يۇقىرى، مۇلازىمەت قىلىشقا قولايلىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى تاللاپ تىجارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدا مەن ئادەم ئىشلىتەلمىگەچكە، ئۆزۈم دورا ئېلىپ يۈرۈپ نەچچە ئون كېلومېتىر قاترىغان بولساممۇ، يىل ئاخىرىغىچە دورىنى ساتالمىغانىدىم.
شۇنداق قىلىپ، دۇ ۋېيدۇڭنىڭ مەبلىغى تېخىمۇ قىس بولۇپ كەتتى، ئۇ يېقىن دوستلىرىدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە بېرىلىدىغان 150 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز ئىلتىماس قىلىپ، يېڭى بۆسۈش ئېغىزى ئىزدەشكە باشلىدى.
شىنجاڭنىڭ ئېتىز- ئېرىق كۆلىمى كەڭ بولغاچقا، ئەنئەنىۋى ئۆسۈملۈك ئاسراشتا چوڭ تىپتىكى تىراكتورلار ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، تىراكتورلار ئېتىز- ئېرىق مەشغۇلاتى قىلغاندا مايسىلارنى دەسسەپ ماڭىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانى بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا بۇ خىل ئەھۋالدىن ناھايىتى ياخشى ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇلتۇر 3- ئايدا، دۇ ۋېيدۇڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۆسۈملۈك ئاسراشتىكى بۇ خىل ئارتۇقچىقىلىغا قىزىقىپ، ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانى مەشغۇلاتى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرىنى سېتىشنى بىرلەشتۈرۈش يولىغا مېڭىشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەبلىغىممۇ كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازارغا بولغان چۈشەنچەممۇ يېتەرلىك بولمىغاچقا، پەقەت بىر قىسىم يېڭى ئىشلارنى قىلىپ باقماقچى بولدۇم، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننىڭ ئىشلىتىلىشى يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى.
بۇ يىل، دۇ ۋېيدۇڭنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىلگىرىكى ئىككىدىن 10 غا كۆپەيدى، يەنە ئۈچ كەسپىي خادىم ۋە ئىككى ئۇچقۇچى تەكلىپ قىلدى. بۇ يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈلگەچكە، ئۇنىڭ كەسىپ دائىرىسى قۇمۇلدىن تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيدى. قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزىسىدىكى دېھقان چېن تۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر سىناپ باقتۇق، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ يىلمۇ ئۇلارنىڭ دورىسىنى ئىشلەتتۇق.
نۆۋەتتە، دۇ ۋېيدۇڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلاتى قىلغاندىن بۇيان كۈندۈلۈك ئوتتۇرىچە مەشغۇلات كۆلىمى 200 مودىن ئاشتى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش ۋە يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرىنى سېتىش ئىشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ پايدىسى 1 مىليون يۈەنگە يەتتى. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇ مۇلازىمەت ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۆسۈملۈك ئاسراش ئەترىتى قۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ يىلدا ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن. خېرىدارلار دەسلەپتە ئىشەنمىگەنتى، ھازىر مېنى توختىماي ئىزدەيدىغان بولدى. بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك ھېس قىلدىم. شۇڭا، بەخت يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ بىر جۇپ قولى بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى