قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايراقنى تەڭ چىقىرىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش

2018-10-03 19:41:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۆلەت بايرىمىنى خۇشال-خۇرام تەبرىكلىدى

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلەش دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
  سۈرەتتە: دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. 

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

10- ئاينىڭ 1- كۈنى سەھەر، ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئەگىشىپ، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى دۆلەت بايرىقىنى تەڭ چىقىرىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 69 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى: ئۇلۇغ ۋەتەن، سەندىن پەخىرلىنىمىز، ساڭا بەخت تىلەيمىز، سەن ئۈچۈن شەرەپ قۇچىمىز! شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت كادىر، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققىتىنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ساقلاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

  مەنبەنى ئۇنتۇماي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەلبتىن پارتىيەگە ئىنتىلىش

  10- ئاينىڭ 1- كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى مەيدانىغا يىغىلىپ، داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى، كۆپچىلىك ياڭراق ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، ھەربىيچە سالام، پىيونېرلار سالىمى بېرىپ، ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قاراپ، دۆلەت بايرىقىغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئىپادىلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترەتلىرى تۇرۇشلۇق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توققۇز ناھىيەسىدىكى 56 كەنتتىن 101 بالا نەق مەيداندا جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسىدىن كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پاتىمە مەمەتتۇردى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى بەك ھەيۋەتلىك بولدى! بىز ھازىرقى گۈزەل چاغلىرىمىزنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەن ۋە يۇرتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  چۆچەك شەھىرىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 1000 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ئامما دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈپ چاسا سەپ تۈزۈپ، ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت بايرىقىغا قاراپ ھۆرمەت بىلەن تىك تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، بىرلىكتە دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ، تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى نۇرخان ئالپېس يەتتە ياشلىق قىزىنى ئېلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى بەخت ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. بالىلىرىمىزدا كىچىكىدىن باشلاپلا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ، گۈزەل يۇرتىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

  ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش

  خوتەن ۋىلايىتىدە 5000 غا يېقىن ھەر مىللەت كادىر، ئامما خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ليۇ جې مۇنداق دېدى: ۋەتەن روناق تاپقان، چېگرا رايون مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن. خوتەن شەھىرى ئاھالىسى مەتقاسىم ھېلىم مۇنداق دېدى: خوتەندە بۇ يىللاردا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە خوتەننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەخمىنەن 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئامما ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، يېزا، كەنتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسىدىكى دېھقان خان باتۇجىرگىل مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، قەلبىم چەكسىز ئىپتىخارلىققا تولىدۇ! پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ بىزنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكلداشلىق بىلدۈرىمەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭى جۇڭگونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، ئانا ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى «دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشىمەن، ۋەتەنگە سۆزۈم بار» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يەتتە ياغاچ كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى ۋاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىز قۇدرەت تاپسا، بىز ئاندىن ياخشى كۈنگە ئېرىشىمىز. شىنجاڭلىق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلارنى بىر- بىرلەپ ئورۇنداپ، نىشانغا بىر- بىرلەپ يېتىپ، ۋەتەنگە ئەڭ ياخشى سوۋغىنى تەقدىم قىلىمەن.

  تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇش

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى نەچچە مىڭ كادىر، ئامما ئاقسۇ شەھىرىدىكى «شادلىق» مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جىن خۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مەن خىزمەت ئورنۇمدا مەسئۇلىيىتىمنى داۋاملىق تولۇق ئادا قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشىغا، خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شۇ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە- شەھەرلىرى، يېزا- كەنتلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەيۋەتلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر شەھىرىدە ھەيۋەتلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى، كادىر يەنە جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپتە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز، شۇنداقلا ئائىلىمىزدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، كۆپچىلىك جاراڭلىق ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ، دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا مۇنداق قەسەم بەردى: پارتىيەنى سۆيۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  بىڭتۈەن 9- شى 161- تۈەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ساۋ جياشەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقاندا، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ياش تۆكتۈم. مەن پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، مەجبۇرىيىتىمنى ئۇنتۇماي، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولساممۇ، پارتىيەدىن ئايرىلماي، رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بارلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، مېھرىگۈل ناسىر، چېن چېن، جاڭ تىڭ، لى داۋجۇڭ، بورتالا مۇخبىرلار پونكىتىدىن ئوۋ دېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاڭ خۇارۇڭ، جاڭ يۇڭ، خۇ لىج