قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يارا چاپلىقى چاپلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

2018-10-03 19:43:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يارا چاپلىقى ئاساسلىقى پىلاستىر بىلەن سۇ سۈمۈرۈش تەگلىكىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، يارا ئېغىزىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرۈۋېلىپ، يارا ئېغىزىنى قۇرغاقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. دورا تەركىبى بولغان قىسمەن يارا چاپلاقلىرىدىن سىرت، كۆپىنچە يارا چاپلاقلىرىنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى يوق. يارا چاپلىقىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈشچانلىقى ناچار بولغاچقا، يارا چاپلىقىنى قان كۆپ چىقىپ كەتمىگەن، كىچىك ھەم چوڭقۇر بولمىغان، تىكىش ھاجەتسىز بولغان يارا ئېغىزىغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. چوڭ ھەم چوڭقۇر يارا ئېغىزى؛ يۇقۇملانغان ياكى يىرىڭداپ قالغان يارا ئېغىزى؛ ھايۋانلار چىشلىۋالغان يارا ئېغىزى؛ ھۆل تەمرەتكە؛ كۆيۈك ۋە چىيقان يارىسى قاتارلىق يارا ئېغىزى يارا چاپلىقى چاپلاشقا ماس كەلمەيدۇ.
يارا ئېغىزى يارا چاپلىقىدىكى سۇ سۈمۈرۈش تەگلىكىنىڭ كەڭلىكىدىن چوڭ، چوڭقۇرلىقى 0.5 سانتىمېتىردىن چوڭقۇر بولسا يارا چاپلىقى چاپلاشقا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى بەك چوڭقۇر يارا ئېغىزى ئوكسىگېندىن قاچقۇچى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، مەسىلەن قاتما كېسىلى.
ئەگەر يارا ئېغىزى قىزىرىپ قالسا ياكى يارا ئېغىزىدىن سۇيۇقلۇق ئاقسا ھەتتا يىرىڭداپ قالسا بۇ يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، يارا چاپلاق چاپلىغانغا ساقايمايدۇ. بۇنداق يارا ئېغىزىنى كەسپىي تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى بىر تەرەپ قىلغىنى ياخشى.
ھايۋانلار چىشلىۋالغان يارا ئېغىزىنى ۋاقتىدا سوپۇن سۈيى بىلەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا يۇيۇش ئارقىلىق غالجىرلىق كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئەگەر سوپۇن سۈيى تاپالمىسا، پاكىز سۇ بىلەن يۇيسىمۇ بولىدۇ. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش كېرەك. يارا چاپلىقى چاپلىغاننىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايلا قالماي ئەكسىچە كېسەللىك خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.
كۆيۈك ۋە چىيقان يارىسىنى قۇرغاق تۇتۇش ھەمدە ھاۋا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. ئەگەردە بۇ خىل يارىغا يارا چاپلىقى چاپلىغاندا، يارا چاپلىقى يارا ئېغىزىدىكى مىكروبلارنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، يارىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
 ھۆل تەمرەتكە چىقىپ قالغانلار يارا ئېغىزىنى تاتىلاپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ، يارا چاپلىقى چاپلىۋالىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندا ھۆل تەمرەتكىدىكى سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىشى مۇمكىن. ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈشچانلىقى ناچار يارا چاپلىقى يارا ئېغىزىنى ساقايتالمايلا قالماي ئەكسىچە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
كۆپىنچە كىشىلەر يارا چاپلاقنى تېرىسى زەخمىلەنگەن ھامان يارا ئېغىزىغا بىۋاسىتە چاپلاشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، چۈنكى يارىلانغان ئورۇنغا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلغىما ماددا كىرىپ كېتىشنىڭ ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، يارا چاپلاق چاپلاشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىش زۆرۈر.
تۈز سۈيى ياكى پاكىز سۇ بىلەن يارا ئېغىزىنى يۇيۇش؛ يارا ئېغىزىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاش. پىلتىگۈچنى يەككە ماددىلىق يود بىلەن پولى ۋىنىل پىررولىدون ياكى ئىسپىرتقا چىلاپ، يارا ئېغىزى ۋە يارا ئەتراپىنى سۈرتۈش؛ يارا ئېغىزى قۇرۇغاندىن كېيىن يارا چاپلاق چاپلاش.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى