قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز»

2018-10-05 22:39:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 10- ئاينىڭ 2- كۈنى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرايلى» باش تېمىسىدىكى ئېسىل تائاملار بايرىمى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 2- كۈنى، ساياھەتچىلەر يەرمەنكىگە قاتناشقان دېھقانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. (نىياز راخمان فوتوسى)

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇرغۇن پىدائىي تۈرلۈك جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتنىشىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن باش شۇجىغا ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  پاراۋانلىق ئورنىدىكى ياشانغانلار، بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ زالىدا، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلىنىۋاتاتتى. «يۈەنجىمېڭ» ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى ياشانغانلارغا ئېسىل پاراۋانلىق ئويۇنى قويۇپ بېرىپ، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 69 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  «يۈەنجىمېڭ» ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ باشلىقى يوۋ كېيىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەرقايسى ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى- خىزمەتچىلەر، دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پېنسىيە سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز، بىزمۇ قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ۋەتىنىمىزگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلايمىز.

  «قىزىل ئارمىيەنى ئون قېتىم ئۇزىتىش» ناملىق ناخشا ياڭرىغاندا، ئىلگىرى ئەسكەر بولغان لى چۈەنچىڭ بوۋاينىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى. لى چۈەنچىڭ بوۋاي مۇنداق دېدى: دۆلەت بىز ياشانغانلارغا مۇشۇنداق ياخشى ساناتورىيە قۇرۇپ بەردى، چاغان، بايراملاردا بىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز.

  «يۈەنجىمېڭ» ئۇسسۇل ئەترىتى ئۈرۈمچىدىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان 20 نەچچە ئايالدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئويۇن قويۇش ئەترىتى. بۇ ئەترەت 2012- يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قېتىملىق چاغان، بايرامدا، ئۆزلىرى ئۈسكۈنە، كىيىم- كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرى سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ- كىچىك ياشانغانلار ساناتورىيەلىرى، ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى، مەھەللىلەردە ياشانغانلارغا پاراۋانلىق ئويۇنى قويۇپ بېرىپ كەلمەكتە.

  بىز تاماشىبىنلار ئورنىدىكى ھەربىر ياشانغان كىشىنىڭ يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ، روھلۇق ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۇق. 85 ياشلىق لى مىن مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن شياۋچېن چېچىمنى ياساپ قويدى. دۆلەت بايرىمىدا بىز ئەڭ ياخشى ھالىتىمىز بىلەن، ۋەتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمىز.

  لى مىن تىلغا ئالغان شياۋ چېن ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىدىكى بىر ساتىراشخانىنىڭ خوجايىنى چېن يەنتىڭ ئىدى. ياشانغانلار ساناتورىيەسى شەھەر رايونىدىن يىراقراق بولغاچقا، چېن يەنتىڭ ئاپتوبۇستا ئىككى سائەتتە ساناتورىيەگە كېلەلەيتتى، لېكىن ئۇ ۋاز كەچمىدى. تۆت يىلدىن بۇيان، بىر- ئىككى ئايدا بىر قېتىم دۇكىنىنى تاقاپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كېلىپ، ياشانغانلارنىڭ چېچىنى خالىس ياساپ قويدى.

  10- ئاينىڭ 3- كۈنى، خېجىڭ ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا، ھەربىر بالىغا بىردىن پىدائىي دەرس تەكرارلاپ بېرىۋاتاتتى، ئۇلار خېجىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «ئۇچقۇن» پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. خېجىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3- يىللىق 16- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ شياۋدەن توققۇز ياشلىق مىلا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن ياخشى ئاچا- سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى. دەرس تەكرارلاۋاتقاندا، مىلانىڭ كۆزلىرى ھاياجانغا ۋە مىننەتدارلىققا تولدى.

  ھەر يەكشەنبە كۈنى، خېجىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنى باشلاپ، بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ پىدائىي بولۇپ، بالىلارغا بىرگە بىر دەرس تەكرارلاپ بەردى. بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇلار يەنە بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا سومكا، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلدى.

  خېجىڭ ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقى چىمىگ مۇنداق دېدى: خېجىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىدائىيلارنىڭ خالىس ياردىمىدە، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىدە ئىلگىرىلەش بولدى، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاكا- ھەدىلىرىگە ئوخشاش مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

  ۋاڭ شياۋدەن مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولمىسا، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. مېنىڭ پىدائىي بولۇپ باشقىلارغا قۇربىمنىڭ يېتىشىچە بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىم- ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  مەنزىرە رايونىدىكى قىزىل جىلىتكىلىك پىدائىيلار ساياھەتچىلەرگە خالىس مۇلازىمەت قىلدى

  10- ئاينىڭ 1- كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىدا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، بېلەت سېتىش ئورنى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممە يېرىدە قىزىل جىلىتكىلىك پىدائىيلار ئۇچراپ تۇراتتى. ئەسلىدە، بۇرچىن مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىگەن «پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانىدى، ئۇلار ساياھەتچىلەرگە ئىللىق مۇلازىمەت قىلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىغا باشقىچە ھۆسن قوشتى.

  بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن جىن يېرۇ بۇرچىن بازىرىدىكى بىر ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىمغا كۆپ يىل بولدى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بىز مەھەللە تەييارلاپ بەرگەن ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، قايناق سۇ، كۈنلۈك، قېلىن كىيىم قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، ساياھەتچىلەرگە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە بەزى ئىشلارنى قىلىپ بەردۇق.

  بىر ئايالنىڭ ساياھەت ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ، قورسىقىنى ئۇۋۇلاۋاتقانلىقىنى، چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن جىن يېرۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال سورىدى ھەم ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ ئارام ئالدۇردى. ئەسلىدە، بۇ ئايال چۇڭچىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى- 53 ياشلىق شياۋ يىڭ بولۇپ، ئەمدىلا قاناس مەنزىرە رايونىدىن قايتىپ كەلگەنىدى، ئەتىگەن، كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، سوغۇق تېگىپ، ئاشقازان كېسىلى قوزغىلىپ قالغانىدى.

  جىن يېرۇ «بىزنىڭ بۇ يەردە ئومېپرازول، مادىڭلىن قاتارلىق دورىلار ۋە قايناق سۇ بار» دېگەچ، قايناق سۇ قۇيۇپ شياۋ يىڭغا دورا ئىچكۈزدى ھەم ئۇنىڭغا قېلىن كىيىمنى ئارتىپ قويدى.

  شياۋ يىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: سىلەرگە كۆپ رەھمەت، مۇلازىمىتىڭلار بەك ئەتراپلىق ئىكەن، مەن بەك تەسىرلەندىم، بۇ يەر گۈزەل ئىكەن، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل ئىكەن، دېدى.

  ئوخشاشلا، ساياھەتچىلەر يىغىلغان كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە، پىدائىيلار ساياھەتچىلەرگە قىزىق چاي تۇتۇپ ياكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستاكانلىرىغا قايناق سۇ قۇيۇپ بېرىپ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلەۋاتاتتى. «سول تەرەپكىرەك مېڭىڭ، بولدى، ئەمدى توختاتسىڭىز بولىدۇ!» ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، پىدائىيلار قاتناشقا قوماندانلىق قىلىپ، بايرام كۈنلىرىدىكى ئاپتوموبىل، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن كېلىپ چىققان قىستاڭچىلىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ يېقىملىق خۇش چىرايى، دوستانە ئەسكەرتمىسى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقى ساياھەتچىلەرگە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. تيەنجىنلىك ساياھەتچى جياڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىم، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە دوستانىلىقىنى ھېس قىلدىم.

  يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پاختا تېرىشىگە ياردەملەشتى

  10- ئاينىڭ 3- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ باغئېرىق يېزىسى كۆتەمە ئېرىق كەنتى ئاھالىسى تۇرسۇن قۇرباننىڭ يەتتە مو كېۋەزلىكىدە، ئون نەچچە پىدائىي ئالدىراش پاختا تېرىۋاتاتتى.

  بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن قۇربان كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئائىلىسىدە ئۈچ جان بار ئىدى، خوتۇنى تۇرسۇنخان قۇربان كېسەل سەۋەبىدىن ئېغىر ئىش قىلالمايتتى، 17 ياشلىق قىزى تۇراگۈل تۇرسۇن كېسەل سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش يۈكى تۇرسۇن قۇرباننىڭ زىممىسىگە چۈشكەنىدى.

  تۇرسۇن قۇربان مۇنداق دېدى: مەن يالغۇز پاختا تەرسەم ئاز بولغاندىمۇ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى، پىدائىيلار ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرىنىڭ پاختا تېرىشىمغا ياردەملەشكىنىگە رەھمەت. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىم بارغانسېرى ئاشتى، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئەترىتى ۋە پىدائىيلارنى ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  9- ئاينىڭ ئاخىرى، چەرچەن ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا، تۇرسۇن قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 18 پىدائىينى تەشكىللەپ 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تۇرسۇن قۇرباننىڭ پاختا تېرىشىگە ياردەملەشتۈردى.

  چەرچەن ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مېھرىگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ تۈركۈم پىدائىيلار نامرات ئائىلىلەرنىڭ پاختا تېرىشىگە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ئاكتىپلىق بىلەن پاختا تېرىشكە كىرىشىپ كەتتى.

  بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن جوۋ ۋېنيەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجوۋ شەھىرى يۇڭجيا ناھىيەسىدىن بولۇپ، خېبېي گېئولوگىيە داشۆسىنى پۈتكۈزگەن، بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئارزۇسى بويىچە، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «غەربىي رايونغا بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، دۆلەت ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، باشقا ئون نەچچە پىدائىي بىلەن بىللە چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. كىچىكىدىن باشلاپ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتىدا چوڭ بولغان جوۋ ۋېنيەن دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ باقمىغان بولۇپ، پاختا تېرىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۇنجى ئىش ئىدى. پاختا تېرىۋاتقان جوۋ ۋېنيەن مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ پاختا تېرىشىگە ياردەملىشىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش، گەرچە پاختا تېرىشقا قولىمىز ئانچە كەلمىسىمۇ، غەيرىتىمىز بەك چوڭ، ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ بۇ ھاياتىمدىكى بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز چېنىقىش پۇرسىتى بولدى، كېيىن بىز مۇشۇنداق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزىمىز.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى