قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى سۈنئىي ھەمراھ يولىدىكى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يېنىدىكى يېڭى ئورۇنغا كۆچتى

2018-10-08 10:36:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «نەنزىگو ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى سۈنئىي ھەمراھ يولىدىكى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يېنىدىكى يېڭى ئورۇنغا كۆچتى. كۆپچىلىككە 60 يىل ھەمراھ بولغان بۇ كونا بىكەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئىزنالىرىغا شاھىد بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالماقتا.
مۇشۇ ئاينىڭ5- كۈنى چۈشتە، مۇخبىر يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كەلدى. ئازادە ۋە يورۇق ئاپتوبۇس كۈتۈش زالى، تەرتىپلىك كىرىش- چىقىش يولى، زامانىۋىلاشقان ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران ۋە تۈرلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تاشيول يولۇچى توشۇش تۈگۈن بېكىتىنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
ئاپتوبۇس يولغا چىقىش ئالدىدا، بېكەتنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى پاڭ خۇڭ ئاپتوبۇس كۈتۈپ تۇرغان يولۇچىلارنى بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىغا بېرىشقا يېتەكلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بىكەتتىكى بېلەت سېتىش كۆزنىكى 8 دىن 11 گە كۆپەيگەنىدى. پاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالىدا پويىزدىن چۈشۈپلا، ئالاھىدە ئۆتۈشمە يول ئارقىلىق بىكەتنىڭ بېلەت سېتىش زالىغا كىرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، تاشيول بىلەن تۆمۈر يولنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشى ئەمەلگە ئاشتى. كونا بېكەتكە سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ ماشىنا توختىتىش رايونىمىز زال ئىچىدە توختىتىش رايونى ۋە سىرتتا توختىتىش رايونى دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلار ئادەتتە زال ئىچى توختىتىش رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر قىشتا قار ياغسا، يولۇچىلار تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
ئاپتوموبىل يولغا چىقىش رايونىدا، شوپۇر دۇەن چىجياڭ يولۇچىلارنىڭ يۈك- تاقلىرىنى قويۇشىغا ياردەملىشىۋاتقانىدى. دۇەن چىجياڭ ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس شوپۇرى بولۇپ، دۇەن چىجياڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ خىزمىتىنى چۇشىنەتتى. مانا ھازىر ئۆزى پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان دۈەن چىجياڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 40 يىلنىڭ ئالدىدا، دادام كونا تىپتىكى ئاپتوبۇسلارنى ھەيدەيتتى، ھەممە يەردىن شامال كىرەتتى، يول ئەھۋالىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. دادام ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە بىر قېتىم بېرىپ- كېلىش ئۈچۈن يېرىم ئاي ۋاقىت سەرپ قىلاتتى. ھازىرقى ئاپتوبوس ئەھۋالى ۋە يول ئەھۋالىدا، چۆچەككە بىر كېچىدىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش-تىرانسىپورت كەسپى تېز تەرەققى قىلماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن بىز پۇقرالار ناھايىتى خوشال.
چۇڭچىڭدىن كەلگەن ليۇ زۇجۈن جىڭ ناھىيەسىگە بارىدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇردى. قىزى نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا خىزمەتكە كەلگەندىن كېيىن ئۇ بىكەتتىكى «دائىملىق يولۇچى» بولۇپ قالغان ئىدى. ليۇ زۇجۈن مۇنداق دېدى: ھازىر تېز سۈرئەتلىك تاشيول، ئايروپىلان قاتنىشى تەرەققىي قىلىپ كەتتى. ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئايرودۇرۇم ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ يولۇچىلار بېكىتىگە كېلىمىز، يولۇچىلار بېكىتىدە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرساقلا ئۆيگە يېتىپ بارالايمىز. بىز دائىم شىنجاڭغا كېلىمىز. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ تۇۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
2012- يىلى ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ «يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللە يىلى» بولۇپ، يىللىق يولۇچى توشۇش سانى 2 مىليون 550 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 7 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇغانىدى. ھازىر تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە، ئائىلە ئاپتوموبىلى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سەپەرگە چىقىش شەكلى سەۋەپلىك، ئاپتوبۇس بېكىتى كىشىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولماي قالدى. يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىمۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق لىنىيەلەرنى ھۆددىگە ئېلىشتىن پەقەت ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرى قاتنايدىغان 42 لىنىيەنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئۆزگەردى. ئاپتونوم رايون سىرتىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارمۇ دەسلەپكى 22 دىن 6 گە قىسقاردى. ئەمما، ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى يەنىلا يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. 60 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول قاتنىشىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئەمما، يولۇچىلار تىرانسپورتى خىزمەتچىلىرىنىڭ يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋەدىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ خىزمەتچىسى رەنا ئەخەت مۇنداق دېدى: ھازىر يېڭى بىكەتكە كۆچتۇق، مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. قاتتىق دېتاللار ياخشىلانغانىكەن، مۇلازىمىتىمىزمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى