قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى قىزىپ كەتتى

2018-10-08 10:50:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
7كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، بەختىيار تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈردى. ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزگىچە سېھرى كۈچكە ئىگە تەبىئىي مەنزىرلىرى، فىلولوگىيە تارىخى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرى ئارقىلىق ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، بايرام شادلىقىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى قىزىپ كەتتى. مۇشۇ ئاينىڭ1- كۈنىدىن6- كۈنىگىچە بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى جەمئىي 85 مىڭ 125 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتىن 145 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى. قاناس مەنزىرە رايونى-- كۈز پەسلىدىكى ئەڭ ئاۋات، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، كۈنىگە 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى. قاناس مەنزىرە رايونى بېلەت سېتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئەقىل-پاراسەتلىك ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلدى. ساياھەتچىلەر ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ئۈندىدار قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق توردا بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ. مەنزىرە رايونىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن پەقەت ئۈچ سېكۇنت ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بېلەت تەكشۈرتۈش قاتارلىق قەدەم- باسقۇچلارنى تاماملىيالايدۇ، ئۆچرەتتە ساقلاش ھاجەتسىز. گەنسۇلۇق ساياھەتچى گو ۋىيلى مۇنداق دېدى: تۈنۆگۈن توردىن بېلەت سېتىۋالغانتىم. بۈگۈن ئىشلار ناھايىتى قولايلىق بولدى، ئۆچرەتتىمۇ تۇرمىدۇق، ساياھەت ۋاقتى يېتەرلىك بولدى.
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا، ھەر بىر تۈپ توغراقنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى خۇددى قانات قېقىپ ئۇچىۋاتقان قۇشلارغا، بەزىلىرى چېپىۋاتقان تۇلپارغا، بەزىلىرى زىلۋا قىزلارغا، يەنە بەزىلىرى مىھرىبان بوۋاي- مومايلارغا ئوخشايتتى. بۇ توغراقلار نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنجۇڭ شەھرىدىن كەلگەن خەن ئەپەندى ۋە ئايالى بۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى. خەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: مورىدىكى توغراقلىق دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي توغراقلىق بولۇپ، ئاجايىپ تۈسكە ئىگە ئىكەن. بىز نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتتۇق. كۆپ-كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق ئۆزئارا بىرلىشىپ، ناھايىتى گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىپتۇ. بۇ سۈرەتلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ماختىدى.
گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆزگىچە «ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى» ۋە «مەدەنىيەت ساياھىتى»-- ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. يەكەن ناھىيەسىدىكى «جۇڭشىن» كىنو شەھەرچىسىدە، دۆلەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن «ئون ئىككى مۇقام»، «سەنەم» قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى شۈ شاۋكې مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇنلا شىنجاڭلىقلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. شىنجاڭلىقلار ناھايىتى قىزغىن، ئىتتىپاق ۋە دوستانە ئىكەن. بىز ئادەتتە ماڭىدىغان يولنى بىلەلمەي قالساق، ئۇلار بىزگە قىزغىنلىق بىلەن يول كۆرسىتىپ قويىدىكەن.
كۈندۈزدىكى قويۇق كۈز مەنزىرىسى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىلەر ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلسا، تۈن پەردىسى ئاستىدىكى شىنجاڭ-- تېخىمۇ ئۆزگىچە مەنزىرىسى بىلەن، ساياھەتچىلەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى رەڭگا- رەڭ تۈسكە كىرگۈزدى. كورلا شەھىرىدە، ساياھەتچىلەر كۈندۈزى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىنى تاماشا قىلغاندىن كېيىن كەچتە ئاققۇ دەرياسى «4 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ شەھەرنى ساياھەت قىلىپ، «چۈشتىكى سۇ ماكانى» نى ھىس قىلدى. كەچ كىرگەندىن كېيىنكى كورلا شەھىرى نېئون لامپىسىنىڭ بېزىشى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلىدى. بېيجىڭلىق ساياھەتچى ۋاڭ لىمىڭ 18 يىل ئىلگىرى كورلىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم بۇ يەرگە كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭلار ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغاندا، «ئالدىمىزدىكى بۇ گۈزەل يەر قەيەر؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا «بۇ كورلا» دېدىم. ئۇلار بەك خۇش بولدى. بۇ يەردە ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۆزگىرىش بەك زور بوپتۇ. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى