قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۇڭ شيۇجياڭ ئاخىرى غەيرەت- جاسارىتىگە تايىنىپ، بەختنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىدى

2018-10-08 11:01:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ساۋەن ناھىيەسىنىڭ كونا ساۋەن بازىرى خۇاڭجياجۇاڭ كەنتىدە 50 ياشتىن ئاشقان سۇڭ شيۇجياڭنىڭ ئاچچىق كاۋا ھارىقى بىلەن ئايرىلماس مۇناسىۋىتى بار. 20 يىلدىن بۇيان، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاچچىق كاۋا ھارىقى ئېچىتىش، ياساش ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاشقا كىرىشىپ، ئاخىرى غەيرەت- جاسارىتىگە تايىنىپ، بەختنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىدى.
مۇخبىر سۇڭ شيۇجياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ئاچچىق كاۋا ئېتىزلىقىدا دېھقانلارغا ئاچچىق كاۋا ھارىقى ياساشنىڭ سىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. سۇڭ شيۇجياڭ مۇنداق دېدى: ئاچچىق كاۋىنىڭ ئاق رەڭگە كىرىشى پىشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
نۆۋەتتە، سۇڭ شيۇجياڭنىڭ ئاچچىق كاۋا ھارىقى 3 يۈرۈش بويىچە 10 خىلغا يەتتى. 20 يىل ئىلگىرى، سۇڭ شيۇجياڭ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ زىيان تارتقان ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا كەنتتىكىلەرنىڭ ئاچچىق كاۋا تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، روناق تېپىپ باي بولۇش ئۈمىدىنى ئاچچىق كاۋا ھارىقى ياساشقا قاراتقانىدى. سۇڭ شيۇجياڭنىڭ ئايالى ياڭ شيۇخۇا مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا يەنە زىيان تارتىپ قالسا قانداق قىلارمىز دەپ سەل ئەنسىرەپ قالغانىدىم، يا بازار ئەھۋالىنى بىلمىسەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراقچىلىقتا تەجرىبىمىز بولمىغاچقا، ياخشى ھاراق ياساپ چىقالماسلىقتىن قورققانتۇق.
سۇڭ شيۇجياڭ ھاراق ئېچىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇستىلىرىنى ئىزدەپ، ئاچچىق كاۋا ھارىقى ئىشلەپچىقىرشنى ئۆگەندى. سۇڭ شيۇجياڭ ئاچچىق كاۋا ھارىقى بىلەن نام چىقىرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە ئالاھىتەن قاتناشتى. ئويلىمىغان يەردىن ئىش كۆڭلىدىكىدەك بولمىدى. سۇڭ شيۇجياڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بىر نەچچە چوڭ سودىگەر بىلەن توختام ئىمزالاشقا كېلىشىپ قويغان ئىدىم. لېكىن، بۇ سودىگەر ئېلىپ كەلگەن ھاراق تېتىغۇچى ھاراق تېتىش جەريانىدا، سىلەرنىڭ ھارىقىڭلار يەرلىك ئۇسۇلدا قاينىتىلغان ھاراقكەن، يەنە ھاراقتا قازاننىڭ پۇرىقى چىقىپ قاپتۇ، دەپ توختامغا ئىمزا قويمىدى، شۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم شۇنداق بىئارام بولدى.
توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سۇڭ شيۇجياڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ئېچىتىلغان ھاراقنىڭ چوڭ بازارغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ھاراق ئېچىتىش، ئىشلەپچىقىرش ھۈنىرىنى ئۆگەندى ھەمدە قازاننى ئۆزگەرتىشكە كۈچ سەرپ قىلدى. قازان ئۆزگەرتىلدى، بىراق كۆرسەتكۈچ تەلەپكە يەتمىدى. سۇڭ شيۇجياڭ ئالىي مەكتەپتىكى پروفېسسورلارنى ئىزدەپ، پارامېتىر تەڭشەش نىسبىتىنى تەتقىق قىلدى. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئاخىرى بۇنىڭدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ساۋەن ناھىيەسىدىكى ئاق ھاراق تىجارەتچىسى جاڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ ساپ دىستىللەپ ئىشلەنگەن ھاراق، يەرلىكتىكىلەر بۇ ھاراقنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ھاراق باشقا ھاراقلارغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسىدىن تۆت ھەسسىگىچە كۆپ سېتىلىۋاتىدۇ.
ھاراق بازىرىدا داۋالغۇش زور بولىدۇ. بوتۇلكىغا قاچىلانغان ھاراقلارنىڭ يېڭى تۈرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاچچىق كاۋا ھارىقىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئېگىز- پەس بولدى. شۇنىڭ بىلەن، سۇڭ شيۇجياڭ بوتۇلكىغا قاچىلانغان ھاراققا كۈچىدى. ئۇ 3- قېتىم ئۆگىنىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئۈرۈمچى ئوراش- قاچىلاش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلىپ، ئاخىرى ماركا ۋە ئوراش- قاچىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاچچىق كاۋا ھارىقىنى يەنە بىر قېتىم بازارغا سالدى. بۇ يىل سۇڭ شيۇجياڭنىڭ ھاراق زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى كېڭەيدى، ئاچچىق كاۋا ھارىقىمۇ خېنەن، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، يىللىق سېتىلىش سوممىسى 2 مىليون يۈەندىن ئاشتى. سۇڭ شيۇجياڭ مۇنداق دېدى: بىر كىچىك دۇكاندىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى كىچىك تىپتىكى ھاراق زاۋۇتىغىچە، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈم. ئاخىرى ھارىقىم ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. بۇ مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى