قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆك كاھىشلىق ھويلا بىزنىڭ ئۆيىمىز

2018-10-08 12:53:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چۈ شاۋلۇڭ

كۆك كاھىشلار ئۆگزىگە رەتلىك تىزىلىپ، بېلىق قاسرىقىغا ئوخشاش پەلەمپەي ئېتىزغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ھەر بىر قەۋەت مېنىڭ ھېسسىياتىم بىلەن تولغان بولۇپ، خىش ئارىسىدىكى تار بوشلۇققا ئاستا- ئاستا سىڭىپ كىرەتتى.
كۆك كاھىش، شۇ جايدىكى تۇپراقتا كۆيدۈرۈپ ياسالغان. ئۇ خۇددى ئەجدىھا دەرۋازىسىدىن ھالقىغان كارپ بېلىقىغا، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەن سۇمۇرغقا ئوخشايدۇ. كاھىش ئۆگزىدىكى كۆك رەڭلىك تاج. شۇنداقلا ئۆگزىدىكى كۆك رەڭلىك ساۋۇت. شامال كاھىشقا ئۇرۇلغاندا غەلىتە ئاۋاز چىقىرىدۇ، بۇ شامال بىلەن كاھىشنىڭ تىل جەھەتتىكى توسالغۇسى، شامال كاھىشنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
كاھىش ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ، بىرىنجى كاھىش ئۆگزىگە قويۇلغاندىن باشلاپ، ئۇ ئىزچىل شۇ ھالەتنى ساقلاپ كېلىدۇ، ھازىرغىچە نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپ كەتتى.
دەرۋازا، بوسۇغا ۋە ئۆگزىلەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى، قەلەمپۇر دەرىخى يەنىلا بۈك- باراقسان بولۇپ، ھەر يىلى باھار كەلگەندە، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇشپۇراق ھىدى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ. قوشنىلا بەس- بەستە ئۇنى ئۈزۈشىدۇ، بۇ دەرەخنى ئىلگىرى بالىلار ھويلىدىكى كىچىككىنە يەرگە ئۆز قولى بىلەن تىككەن ۋە پەرۋىش قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى قەد كۆتۈرگەن ئورمانلىق ئىگىلىدى. بۇ قەلەمپۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى. يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، قەلەمپۇر دەرىخى يەنىلا جەمەتىنىڭ ھېكايىسىنى ساياھەتچىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكتە، قەلەمپۇر دەسلەپ ئېچىلغاندەك خۇشپۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
كۆك كاھىش تۇپراقنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، فىزىكىلىق ئۆزگىرىش ياكى خىمىيىلىك ئۆزگىرىش بولغان. مەن گاڭگىراپ قالدىم، لاي بوش، كۆك كاھىش قاتتىق؛ تۇپراق ئاجىز، كۆك كاھىش قەيسەر.
ياز پەسلىدە يامغۇر ياغسا، يامغۇر سۈيى كۆك كاھىشنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، بەزىدە جىددىي، بەزىدە تەكشى، بەزىدە مەرۋايىت مارجاندەك تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، بەزىدە «ئېگىز تاغدىكى سۇلار» غا، بەزىدە «بۇلاقتىكى سۇدا ئاي ئەكس ئەتكەن» گە ئوخشايدۇ؛ بەزىدە «تۆت ئەتراپتىن قورشىغان» غا، بەزىدە يەنە «زومىگەرلەر» گە ئوخشاپ قالىدۇ. ئېقىن سۇ خۇددى چىلتارغا ئوخشايدۇ، چوڭ تارىدىن تاراپ كېتىدۇ، كىچىك تارىلىقى خۇددى چۈش كۆرگەنگە ئوخشاش، چاڭ- توزانلارنى تازىلاپ، تەبىئەتنىڭ توختىماي ھەرىكەتلىنىشىگە ئەگىشىپ ئاقىدۇ.
كۆك كاھىشلار باھار يامغۇرىنىڭ مېھرىبانلىقى، يازدا ياغقان يامغۇرنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈكلىكى، كۈزدە ياغقان يامغۇرنىڭ توختاۋسىزلىقى، قىشتا ياغقان قارنىڭ ئېغىر- بېسىقلىقىنى چۈشىنىدۇ.
باھاردا قارلىغاچلار قايتىپ كەلدى، لەمپە ئاستىدىكى ئۇۋا ۋەيران بولدى، قارلىغاچلار يىراقتىن نەم تۇپراقنى چىشلەپ كېلىپ، شۆلگەي سۇيۇقلىقى بىلەن ئوڭشاپ، بىر مۇكەممەل ئۆيگە ئايلاندۇردى. ئۇلار ئەمدى بوران- چاپقۇندا سەرسان بولمايدۇ.
قۇشقاچ ھېرىپ كېتىپ، ئۆگزىدە ئارام ئالدى، مۈشۈكنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ، ئۆگزىدە تۈگۈلۈپ مۈگدەپ قالدى. ئوت- چۆپ كاھىش ئارىسىدىن ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ ھەم ئىنچىكە ھەم ئېگىز بولۇپ، خۇددى زىلۋا قىزلارغا ئوخشايتتى.
قۇشقاچ كاھىش ئاستىدا تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، باھاردا تۇخۇمدىن قۇشقاچ بالىسى چىقىدۇ. كەپسىز بالىنىڭ قۇش ئۇۋىسىنى بۇزىشى نورمال ئىش. يىلان ناھايىتى خۇشال، بەزىدە قۇشقاچ ئۇۋىسىغا مۆكۈۋېلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدۇ، قۇش تۇخۇمىمۇ يىيەلەيدۇ ھەم سالقىن دۇنيادىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇ يىلانغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىش. قۇشقاچ دېرىزىنىڭ ئۈستىدىكى كاھىش ئاستىدىكى ئۇۋىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، باھارنى كۈتۈۋالغاندەك خۇشال- خۇرام ھالدا جانلىنىپ كىتىدۇ. بىر قۇشقاچ پەي چىشلەپ كېلىپ ئۇۋا ياساۋاتىدۇ. قۇشقاچلار ئۆزىنىڭ ماكانىنى تاپتى، ھازىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئەركىن- ئازادە. ئەلۋەتتە، ئۇلار خوجايىنغا ھېچقانداق ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆز ئۆيىنى ياسىشى بىلەن قۇشنىڭ ئۇۋا ياسىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۆز قولى بىلەن ئۆيلىرىنى ياسايدۇ ھەمدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى باقىدۇ. قۇشلارمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈسىتگە قۇشلارنىڭ ناخشىسىمۇ تۆت ئەتراپقا تارايدۇ.
دەرەخلەر ئۆينى قوغدايدۇ، يوپۇرماقلار ئۆيگە ھەمراھ بولىدۇ، ئۆيلەر غازاڭنىڭ تاماشىبىنلىرى، سۆگەت يوپۇرمىقى بەزىدە بىر مەسۇلىيەتچان ئۇسسۇل ئارتىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ، بەزىدە خەتەرلىك ئايلىنىش ھەرىكىتىنى ئىشلەيدۇ، بەزىدە كېپىنەككە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ نەپىس قانىتىنى تەۋرىتىدۇ. دەل شۇ چاغدا، كۈندۈز ئاستا- ئاستا ئۇيقۇغا كەتكەن كۆزىنى ئاچىدۇ، شامال ئۆگزىدىكى غازاڭلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، يوپۇرماقلار خۇددى قۇشقا ئوخشاش، خۇشال ھالدا ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئەگىشىپ، يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ.
ئاي نۇرى دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئۈستىگە چۈشتى، دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئالا- بۇلا سايە تاشلاپ تۇراتتى، ئۆگزىدە توختىماي گۈل نۇسخىلىرى ئۆزگىرىپ تۇراتتى. بەزىدە چوڭ، بەزىدە كىچىك؛ بەزىدە يانتۇ ئۇزۇن، بەزىدە ئىللىپىس شەكىللىك ئىدى. جىمجىت كۈز كېچىسى قۇرتنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىناتتى، پارقىراق قوڭغۇز پات- پات ھويلىنىڭ چېتىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، ئاجىز نۇر چىقىرىپ تۇراتتى.
قار ئۇچقۇنلىرى ئۆي- ئىمارەتلەرنى چۆچۈتۈپ قويۇشقا چىدىماي، يېرىم كېچىدە پارچە- پارچە بولۇپ ئۆگزىدىكى كاھىش ئۈستىگە چۈشتى، كاھىش پارچىلىرى ھەددىدىن ئارتۇق يۈك ۋە نورمىدىن ئارتۇق ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشىگە چىدىماي قالدى.
كۆك كاھىشلىق ئۆيلەرگە قاراپ، ئىللىق تۇيغۇدا بولدۇم. ئادەمدە بىر ئۆي بولۇشى، ئۇنىڭغا ئىللىق ۋە ئازادە بوشلۇق بېرىشى كېرەك. بىر ئادەم ئاۋۋال بەدىنىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئويلايدۇ، ئاندىن ھېسسىياتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
كاھىش لايدىن كەلگەن، ھامان بىر كۈنى تۇپراققا قايتىدۇ. بۇ دەل ھەممە نەرسىنىڭ ئايلىنىشى. ئۆي- ئىمارەتلەر يۈز يىل بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن لىم- تۈۋرۈك، كاھىشلار چېچىلىدۇ، ھەر قېتىم مۇشۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھەش- پەش دېگۈچە بىر خىل ئۆزگىچە ھىسسيات ئۇزاققىچە قەلبىمنى چىرمىۋالىدۇ.
ۋاقىت ئۇزاق تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ، ئۇزاق يىللار جەريانىدا، قاينام- تاشقىنلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۆي ئىنسانلار تارىخىدا ئاستا- ئاستا شەكىللەنگەن. بىزنىڭ كاھىشلىق ئۆيلەرمۇ مانا مۇشۇنداق، ئاستا ـ ئاستا تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا مەۋجۇت بولماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى