قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇرچاق ئاقلاش

2018-10-08 12:54:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر كۈنى، ئوغلۇم ئىككىمىز ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، پۇرچاق ئاقلاۋاتاتتۇق. ياپيېشىل پۇرچاقلار ئاپئاق تەخسىدە بىر قەۋەت تىزىلغاندا، ئوغلۇم تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، يېڭى بىر چىنىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئالدىغا قويدى- دە، تەخسىنى مېنىڭ ئالدىمغا ئىتتىرىپ قويدى.
  مەن:
  - مۇسابىقىلىشەمدۇق؟- دەپ سورىدىم.
  ئوغلۇم كۆزىنى قولىدىكى پۇرچاقتىن ئۈزمەي تۇرۇپ: «شۇنداق» دېدى.
  - بۇ ئادىل بولمىدى، مېنىڭ تەخسەمدە خېلى جىق پۇرچاق بار، سەن تېخى ئەمدى باشلىدىڭ،- دېدىم مەن تەخسەمدىكى پۇرچاقلاردىن ئۇنىڭ چىنىسىگە ئازراق ئېلىپ بېرىپ.
  - ياق،- دېدى ئۇ قولۇمنى تۇتىۋېلىپ،- مۇشۇنداق بولىۋەرسۇن، شۇندىلا مەن سۈرئىتىمنى سىناپ باقالايمەن.
  كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ بۇ ئىشەنچى ۋە جاسارىتىدىن ھوزۇرلاندىم.
  بۇ ۋاقىتتا، ئەسلىدە ئادەتتىكىچە ھېسابلانغان بۇ ئىش بىزگە ئۆزگىچە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئانا- بالا ئىككىمىز پەقەت پۇرچاقنى ئېلىش- قويۇشتىن باشقا ئۈندىمەيتتۇق.
  دەسلەپتە «ئوغلۇمنىڭ يېڭىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرەي، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشسۇن» دېگەن ئوي بىلەن قوللىرىمنى ئىختىيارسىز ئاستىلاتقان ئىدىم. كېيىن: «رىقابەتتە ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. كىم ئۇنىڭغا يول قويالىسۇن؟ ئۇنىڭغا مەغلۇبىيەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قوشماقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدىم- دە، سۈرئىتىمنى يەنە تېزلىتىشكە باشلىدىم.
  ئوغلۇمنىڭ قولى توختىماي ھەرىكەت قىلسىمۇ، بىردەم- بىردەم ئىككى قاچىغا قاراپ قوياتتى. ئۇنىڭ بۇنچىلىك كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم يۇمشاپ، پۇرچاق ئاقلاش سۈرئىتىمنى يەنە ئاستىلىتىشقا باشلىدىم.
  ئەمما، يەنە «ئوغلۇمغا ساختا غەلبىنى ئۆگەتمەسلىكىم كېرەك» دېگەنلەرنى ئويلىدىم- دە، يەنە جىددىي ئاقلاشقا باشلىدىم.
  يوغان بىر خالتىدىكى پۇرچاقنى ئاقلاپ بولاي دېگەن ئىدۇق. بىرى تەخسە، بىرى چىنە، بىرى چوڭ- بىرى كىچىك ئىككى قاچىنى سېلىشتۇرۇش قىيىن ئىدى. ئەمما، دائىيملىق قارىشىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ئوغلۇم ئۇتتۇرغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بۇنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىپ بېرەي دېيىشىمگە، ئوغلۇم ناھايىتى ئەستايدىل ھالدا يەنە بىر چىنىنى ئالدى- دە، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاقلىغان پۇرچىقىنى قۇيدى. بۇ دەل بىر چىنە چىققان ئىدى. ئاندىن يەنە شۇ چىنىگە مېنىڭ ئاقلىغان پۇرچىقىمنى قۇيىۋىدى، سەل دۆۋىرەك بىر چىنە چىقتى.
  - سەن يەڭدىڭ،- دېدىم مەن ئوغلۇمغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ. ئەمما ئۇ ناھايىتى ئەركىن ئىدى، پۇرچاق ئاقلىغان ۋاقتىدىكى ئەستايىدىللىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.
  - ئاساسەن تەڭلەشتۇق. مېنىڭ قاچامدا ئەسلىدىمۇ ئاقلانغان پۇرچاق بار ئىدى،- دېدىم مەن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ.
  - مېنىڭ ئاقلىغىنىم ئاز، مەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇم،- دېدى ئوغلۇم قىلچە خۇيلانمىغان، چۈشكۈنلەشمىگەن ھالدا. ئۇنىڭ چېھرىدىن بۇلاقتەك تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.
ئۆزۈمنىڭ ئىككى خىيالدا بولۇپ، ئارتۇقچە ئېھتىيات قىلىپ كېتىشىمنىڭ ئەسلىدە قىلچە ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بالىغا قوبۇل قىلىش ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى سىناتقۇزۇش كېرەك ئىكەن. ئۈمىدسىزلىك، خاتالىق، مەغلۇبىيەت، ئازاپ- ئوقۇبەت، جاراھەت يارىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس قىممىتى بولىدۇ. تۇرمۇش بولسا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدۇ، ھەقىقىي تۇرمۇشتا خۇشاللىقمۇ، ئازاپمۇ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى