قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

20- ئەسىردىكى جۇڭگو پەن- مائارىپ ئىشلىرىنىڭ شاھىدى

2018-10-08 12:56:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خې ياپىڭ

13 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق 24 توم، تەخمىنەن 20 مىليون خەتلىك «جۇ كېجېن ئەسەرلىرى» 2014- يىلى شاڭخەي پەن- تېخنىكا مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن تەھرىرلەپ نەشر قىلىندى، شۇنداقلا 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو ھۆكۈمەت نەشرىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ ئەسەرلەر جۇڭگونىڭ 20- ئەسىردىكى ئىلىم- پەن تارىخى، مائارىپ تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى ۋە جەمىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مەڭگۈلۈك ئاساسىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. بولۇپمۇ، 13 مىليون خەتكە يېقىن «جۇ كېجېن خاتىرىسى» نى جۇ كېجېن ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ئەزەلدىن كۆرسىتىپ باقمىغان، بۇ قېتىمقى تەھرىرلەش، نەشر قىلىش جەريانىدا بۇ ئەسەرلەر تولۇقى بىلەن كىتاپقا كىرگۈزۈلدى. بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
جۇ كېجېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كۈندىلىك خاتىرىنىڭ خوجايىننىڭ مال ـ مۈلكى ئەمەسلىكىنى، ئۇنى جەمىيەتنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن. جېجياڭ داشۆسىدە مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، جۇ كېجېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 56 پارچە «جۇ كېجېن خاتىرىسى» نىڭ قول يازمىسىنى جېجياڭ داشۆسى ئارخىپخانىسىغا تەقدىم قىلغان.
«جۇ كېجېن» ئەسەرلىرى توپلىمىنىڭ باش مۇھەررىرى فەن خۇڭيې: جۇ كېجېن كۈندىلىك خاتىرىسىنى 20- ئەسىردىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان مەشھۇر شەخسلەر خاتىرىسىنىڭ بىرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇ «ئەسەرلەر» نىڭ 3 تىن 2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، مۇشۇنداق ئالدىنقى شەرت بولغاچقا، «ئەسەرلەر» ھازىرقى كۆلەمگە يەتكەن، دەپ قارايدۇ.
جۇ كېجېن كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بار:
بىرىنچىدىن، تارىخنىڭ ئۇزۇن بولۇشى. كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتى جۇ كېجېننىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن. جۇ كېجېن كۈندىلىك خاتىرىسىنى خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېزىشقا باشلىغان. لېكىن، 1923- يىلى شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندا، بىر قېتىم مەكتەپكە ئوت كېتىپ ئۇنىڭ بۇرۇنقى كۈندىلىك خاتىرىسى كۆيۈپ كەتكەن، ھازىرقى كۈندىلىك خاتىرىسى 1936- يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ، ۋاپات بولغان 1974- يىلى 2- ئايغىچە بولۇپ، كالېندار بويىچە 38 يىل يېزىلغان. جۇ كېجېننىڭ كېيىنكى خاتىرىسىدىمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن 30- يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگىچە بولغان ئەسلىمىلەر دائىم ئۇچۇرايدۇ. بۇ كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق، 20- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇلۇغ كارتىنىسى ۋە بىر زىيالىينىڭ ھاياتلىق يولى ۋە مۇساپىسى تەسۋىرلەنگەن.
تەشكىلىي ئاپپارات تارىخى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ كۈندىلىك خاتىرىمۇ زور ۋاقىت ئۆلچىمى جەھەتتە جۇڭگو ئىلىم- پەن جەمئىيىتى، مەركىزىي تەتقىقات يۇرتى، جېجياڭ داشۆسى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تارىخىي تەتقىقاتىنى ئىنتايىن مول ھەم كونكرېت تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«جېجياڭدىكى چوڭ بالا باققۇچى» دەپ ئاتالغان جۇ كېجېن 1936- يىلى 4- ئايدىن 1949- يىلى 5- ئايغىچە جېجياڭ داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، «غەربكە يۈرۈش قىلىش» مۆجىزىسى ياراتقان. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئۇنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ ھازىرغا قەدەر يەنىلا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
جۇ كېجېن جېجياڭ داشۆسى ئۈچۈن بېكىتكەن «ئىزدىنىش» تەربىيەسى-- جېجياڭ داشۆسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى مىراسى. ئىزدىنىش مەكتەپ تەلىم- تەربىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، ئىزدىنىش بىلىم يۇرتىدىن دۆلەتلىك جېجياڭ داشۆسىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا تارىختىن بۇيانقى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل مەكتەپ ئىستىلى ۋە ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يۈكسەلدۈرۈش بولۇپ، بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئۇرۇش ئىس- تۈتەكلىرى ئىچىدە غەربكە كۆچكەن جاسارىتى، جاپا- مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ ئېگىلمەي- سۇنماي كۈرەش قىلىش روھى، قۇربان بېرىش روھى، ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىلمىي روھنىڭ يەكۈنى. جۇ كېجېن ۋاڭ ياڭمىڭنىڭ «ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلار پايدا- زىياننى ئويلىماسلىقى كېرەك، نام- ئاتاققا بېرىلمەسلىكى لازىم» دەيدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىگە ئالاھىدە ئاپىرىن ئوقۇغان، «مەكتەپنى تارىخقا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مەنبەسى دەپ تونۇپ، ئىلىم- پەننى چوڭقۇر ئۆگىنىشنىڭ جەۋھىرى» دەپ قارىغان، ئىزدىنىش دېگەن ئىككى خەتنى مەكتەپ تەلىمى قىلىپ بېكىتكەن، ياڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزى «ئىزدىنىش» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى، بىزنىڭ ئىلىم- پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرسەتمىسى.
ئىككىنچى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ. جۇ كېجېن ئىلىم- پەن، مائارىپ ساھەسىدىكى كاتتا ئەرباب بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر ساھەدىكى پائالىيەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان مەشھۇر جەمئىيەت ئەربابى. مېتېئورولوگىيە، جۇغراپىيەدىن باشقا، ماتېماتىكا، گېئولوگىيىلىك جانلىقلار، خەلقئارالىق سىياسىي، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تارىخى، پەلسەپە، رومان، شېئىر- ئەسەر، ھەر خىل نەرسىلەرنى؛ چوڭى دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتىدىن، كىچىكى ھاۋا رايىغا قاراپ كۈتۈنۈش، مېھماندارچىلىق، خەت- چەكلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مېتېئورولوگىيە ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلىگەن. مەسىلەن: مەلۇم بىر ئادەم سۆز قىلغاندا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، مەلۇم قېتىملىق پائالىيەتتە يامغۇر يېغىپ، يامغۇر قاچان توختاپ ھاۋا ئېچىلدى دېگەندەك.
 
  جۇ كېجېننىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى كۈندىلىك خاتىرىدە ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ھاياتىدىكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇغان، بۇ روماننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ كىتابنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئوقۇغان، كۆچۈرۈۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىشىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ھەرقانداق جايغا بارغاندا، ئىمكانقەدەر شۇ يەردىكى يەرلىك تەزكىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇ يەرنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت، جۇغراپىيە مۇھىتىنى چۈشەنگەن. گەرچە مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەمۇرى ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەپسىلاتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، قەلىمى ئاستىدىكى كىشىلەر كۆپ. جۇ كېجېن 2- تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان، يەنە جۇڭگو ئىلىم- پەن جەمىيىتى، شەرقىي جەنۇب داشۆسى، مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمىيىتى، جۇغراپىيە ئىلمىي جەمىيىتى، مەركىزىي تەتقىقات يۇرتى، جېجياڭ داشۆسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەن- تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق مۇھىم ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ  ئۆمرىدە ئالاقە قىلغان كىشىلەر كۆپ ھاللاردا جەمىيەتتىكى داڭلىق شەخسلەر ئىدى. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئايالى ۋە كېيىنكى ئايالىمۇ مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قۇدا- باجىلارمۇ كۆپ ئىدى. شۇڭا، 20- ئەسىردە جۇڭگودىكى نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە ماكان ئارقىلىق ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئورۇنلاشقان.
پەن- تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن بىر چوڭ ئالىم، تەتقىقاتچىنى كۆردى؛ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ھۆرمەتكە سازاۋەر پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى، مائارىپچىنى كۆردى؛ جەمىيەتتىكى ئاممىمۇ ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىدىغان، ئادەتتىكى دوستلار بىلەنمۇ ئارىلىشىدىغان ئادەتتىكى ياشانغان كىشىنى كۆردى... «قىممەتلىك خاتىرە» بىز ئۈچۈن بىر خەزىنە ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى، ئۇ گۆھەرنى ئىزدىگۈچىنىڭ قېزىش ۋە ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
«جۇ كېجېن» ئەسەرلىرى بىزگە ھەقىقىي جۇ كېجېننى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىدىيىۋى مىراسلىرى ئۈستىدە قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بىر خىل ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن 20- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىيات ئىزىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى