قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داڭلىق ماركىلىق بويۇملارنى ئۆزىڭىز ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالسىڭىزمۇ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن

2018-10-08 13:02:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۆي ئىجارە بېرىش توختامى تۈزۈلگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىردەك ئۆزلىكىدىن ياكى خالىغانچە توختامنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ. بىراق، دۆلىتىمىزنىڭ «توختام قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋالدا، ئۆي ئىگىسى يەنى ئۆي ئىجارە بەرگۈچى ئۆي ئىجارە توختامىدىكى مۇددەت توشۇشتىن ئىلگىرى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقوقلۇق بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى مۇنداق بىرقانچە ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، پۈتۈمنى بىكار قىلىش.
ئالاقىدارلار مەسلىھەتلىشىپ پىكىردە بىرلىككە كەلسە، توختامنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆي ئىجارە توختامى تۈزگەندە، توختامنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىش ئەھۋالىنى توختامغا ئالدىن پۈتۈپ قويغان بولسا ياكى ئىككى تەرەپ توختامنى ئىجرا قىلىۋاتقان جەرياندا پۈتۈشۈپ توختامنى بىكار قىلىدىغان يېڭى توختام شەكىللەندۇرگەن بولسا، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن توختامنى بىكار قىلىش شەرتى ھازىرلىنىدۇ، موشۇنداق ئەھۋالدا ئىجارە بەرگۈچى توختامنى ئالدىن بىكار قىلسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن بىكار قىلىش.
توختام قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپتە توختامنى بىكار قىلىش كېلىشىمى بولسۇن- بولمىسۇن، ئۆي ئىجارە بەرگۈچى توختامنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلسا بولىدۇ.
(1) يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن توختام نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغاندا توختامنى ئالدىن بىكار قىلىشقا بولىدۇ. توختامنى ئادا قىلىش جەريانىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبتىن ئۆي چوڭ كۆلەملىك ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلسا مەسىلەن، چاقماق چۈشۈپ ئوت ئاپتى يۈز بېرىپ، ئۆي كۆيۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئىجارە بەرگۈچى توختامنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلسا بولىدۇ.
 
(2) ئۆي ئىجارە ئالغۇچى پۈتۈشكەن ئۇسۇل بويىچە ياكى ئۆينىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىشلەتمەي، ئۆينى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئۆي ئىجارە بەرگۈچى توختامنى ئالدىن بىكار قىلسا بولىدۇ.
(3) ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆينى ئىختىيارىچە ئۈچىنچى كىشىگە ئىجارىگە بەرگەن ئەھۋالدا ئۆي ئىجارە بەرگۈچى توختامنى ئالدىن بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
(4) ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى بەرمىسە توختامنى ئالدىن بىكار قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىجارە ئالغۇچىنىڭ مۇۋاپىق سەۋەبى يوق تۇرۇپ ئىجارە ھەققىنى بەرمىسە ياكى بېرىشنى كەينىگە سۆرىسە، ئۆي ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىدىن مۇۋاپىق مۇھلەتتە بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ناۋادا ئۆي ئىجارە ئالغۇچى بەلگىلەنگەن مۇھلەتتىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئۆي ئىجارە پۇلىنى بەرمىسە، ئۆي ئىجارە بەرگۈچى توختامنى ئالدىن بىكار قىلسا بولىدۇ.
(5) ئىككى تەرەپ ئۆينىڭ ئىجارە مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، قەرەلسىز ئىجارە دەپ قارىلىپ، ئىككى تەرەپ بىردەك خالىغان ۋاقىتتا توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. بىراق، ئۆي ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلىشتا چوقۇم مۇۋاپىق پۇرسەتتە بالدۇرراق ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
ئۆي ئىجارە توختامىنى ئالدىن بىكار قىلىشقا بولىدۇ، ئالدىن بىكار قىلماقچى بولغاندا، ئۆي ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ياخشى مەسلىھەتلىشىش، ئىجارە ئالغۇچى قوشۇلغاندىن كېيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى