قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساقچىلار گازارمىسىدىكى ئەزىمەت-- چيەنشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خۇاڭپۇ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى گې سىخەي

2018-10-08 13:03:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گې سىخەي ئەنخۇي ئۆلكىسى چيەنشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خۇاڭپۇ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى، شۇنداقلا ئەنخۇي ئۆلكىلىك پىسخىكا كىرىزىسىغا ئارىلىشىش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئەنخۇي پىسخىكا مەسلىھەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك ئۈچىنچى دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى. ساقچىلىق كەسپى بىلەن شوغۇللانغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان گې سىخەي ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ھەقىقەتەن جان كۆيدۈرۈپ بېجانىدىل ئىشلىگۈچى.
چيەنشەن شەھىرى دۇمۇ يېزىسىدىكى سۇ x بىلەن ياڭ x ئۇرۇق- تۇققانلاردىن ئىدى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىككەيلەن يول ياساش ئىشىدا تەگىشىپ قالدى، سۇ x ياڭ x نى ئۇرۇپ يارىلاندۇرىدۇ، ياڭ x يارىسىنى داۋالىتىش جەريانىدا، باشقا كېسەللىرىنىمۇ بايقىدى. ئۇ نەچچە قېتىم داۋالىنىپ، زور سوممىلىق داۋالىنىش چىقىمى شەكىللەندى. ئەگەر، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، داۋالىنىش خىراجىتى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەل قىلىشمۇ بارغانسېرى قىيىنلىشاتتى. ياڭ x 7- ئاينىڭ ئاخىرى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، گې سىخەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەدلىيە پونكىتى، كەنت كومېتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار كىشىلەرنى تەشكىللەپ مۇرەسسە قىلدى. مۇرەسسە خىزمىتى جەريانىدا، گې سىخەي قانۇن بەلگىلىمىلىرى، ھەق تەلەپ تۆلىمى، يېقىن ئۇرۇق- تۇققانلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن، ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقان ھالدا ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ، ئىككى تەرەپكە پايدا- زىيان مۇناسىۋىتىنى ئېنىق تونۇتتى، 5 سائەتكە يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ياڭ x  نىڭ كۆڭلىدىكى غۇمى تۈگىدى، ئۇزۇنغىچە سۆرۈلۈپ كەلگەن بۇ زىددىيەت ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىنىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككەيلەننىڭ كېلىشىپ كېلىشىم تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىندى ھەمدە نەق مەيداندىلا ئىجرا قىلىندى.
ساقچىخانا ساقچىسى شياۋ لى، باشقا ئۆلكىدىن ئىمتىھان ئارقىلىق چيەنشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا كىرگەن ساقچى ئىدى. چيەنشەن شەھىرىگە يېڭى كەلگەندە، ھەممە يەر ناتونۇش بولغاننىڭ ئۈستىگە تىل ئۇقۇشماسلىق، ساقچىخانا خىزمىتىدىكى ئۇششاق- چۈششەك ھەم مۇرەككەپ ئىشلار سەۋەبلىك شياۋ لى ئاسان چېچىلىدىغان، خاپا يۈرۈيدىغان، ھەدىسە خىزمەتتە خاتالىشىدىغان، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن، تۇرۇپ- تۇرۇپ ھۇدۇقىدىغان، ئوخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى ھەتتا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەچكە، بۇ كەسىپكە خاتا كىرىپ قالدىممۇ- قانداق دەپ ئىستىقبالىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگەنىدى.
گې سىخەي شياۋ لىنىڭ ئەھۋالىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شياۋ لىنى ئىزدەپ سىردىشىپ، سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، ھەل قىلىش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. مەسلىنى تونۇتۇپ داۋالاش جەھەتتىكى بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، شياۋ لىغا  ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن ئەھۋاللارنىڭ نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ پەقەت ساقچىلىق كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكى، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىمەن دەپ جىددىيلەشكەنلىكى، يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئامالنىڭ بارىچە سىڭىشىش، تۆھپە يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئالدىراپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. نەچچە باسقۇچ  موشۇنداق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، شياۋ لىنىڭ مىجەزى بارغانسېرى تۇراقلىشىپ، كەيپىياتىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئىلگىرىلىشىمۇ تېز بولدى. ھازىر، شياۋلى چيەنشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ باردى، يەنە تېخى ئىناق ئائىلىمۇ قۇرۇۋالدى.
چۇ x چيەنشەن شەھىرىدىكى كىچىكرەك بىر شېركەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئائىلە ئىقتىسادى ھەر ھالدا باياشاد سانىلاتتى. ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى ئەقىللىق ھەم زېرەك بولسىمۇ، بىراق ئۆگىنىشكە ئازراقمۇ قىزىقمىغاننى ئاز دەپ، مەكتەپتە دەرستىن قېچىش، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇشتەك ناچار قىلىقلىرى بار ئىدى. چۇ x تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئوغلىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمىدى، ياخشى باشقۇرۇشقىمۇ قۇربى يەتمىدى. بالىسىدا كۆرۈلىۋاتقان بۇنداق ئەھۋاللاردىن بېشى قېتىپ، ھەتتا ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇ بالىسىنىڭ مۇئەللىمى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، بۇ مەكتەپنىڭ قانۇن- تۈزۈم مۇئاۋېن مۇدىرى گې سىخەينىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئىكەنلىكى، ئادەتتە قانۇن- تۈزۈم دەرسى ئۆتكەندە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىدىكى پىسخىكا مەسىلىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.
گې سىخەي چۇ x نىڭ تەلىپىنى رەت قىلمىدى، بەلكى ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى. سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق چۇ x نىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن چۇ x غا خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ بالىنىڭ ھازىر دەل «قارشىلىشىش باسقۇچىدا» تۇرىۋاتقانلىقى، ئاتا- ئانا بولغۇچىلارنىڭ چوقۇم بالىلىرنىڭ پىسخىكىلىق ھەرىكىتىگە تولۇق دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى، بالىسىنى چۈشىنىشى، بالىسىنى ئۆز قوينىغا ئېلىشى، بالىنىڭ ماددى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ قەلب تىۋىشىغىمۇ قۇلاق سېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈردى. گې سىخەي پىسخىكىدىكى ئۈمۈدلەندۈرۈش تەسىرىنى قوللىنىپ، چۇ x نىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئوخشىمىغان سالاھىيەت بىلەن ئائىلە زىيارىتى قىلىش ياكى تېلىفۇندا سۆزلىشىش شەكلىدە، چۇ x نىڭ ئوغلى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەسلىكى، بىراق دەل قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گىردابىغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى ھەمدە ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي دېلو مىساللىرىنى تىلغا ئېلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزسە قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنىقى چۈشەندۇردى. نەچچە قېتىملىق مانا موشۇنداق «ئۇدۇل كېلىپ قېلىش» تەك سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، چۇ x نىڭ ئوغلى بارا- بارا توغرا يولغا كىرىپ، كېيىن كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتى. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، چۇ x يەنە ساقچىخانىغا ئالدىراش- تېنەش يېتىپ كەلدى، بۇ قېتىم ئۇ ساقچىلارغا ئوغلىنىڭ چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە قاتنىشىدىغانلىقى، پات ئارىدا ئەسكەر بولىدىغانلىقى، گې باشلىققا خۇشخەۋەر يەتكۈزگىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.18 يىللىق ئاساسى قاتلام ساقچىخانىسىدا ئۆتكۈزگەن ھاياتى، 10 يىللىق پىسخىكا مەسلىھەتچىلىك مۇساپىسى گې سىخەينى بارا- بارا خەلق ئاممىسى بىلەن يېقىنلاشتۇردى. بۇ سەۋرچان، ئىرادىلىك ئادەم ھامان ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا خەلق ئاممىسى، ساقچىلار ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كەلمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى