قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەۋج ئېلىپ، دېھقانلار تورغا يۈزلىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى

2018-10-08 13:06:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئالاقە تورىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالاقە تورى ئارقىلىق يېزا- كەنتلەردىن سىرتقا سېتىپ چىقىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا كىرگۈزۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىم يولىنى كېڭەيتتى.
ھازىر ئاقسۇنىڭ ناۋات ئالمىسىنى ئۈزۈشكە بىر ئايمۇ قالمىدى. قۇمتام باغۋەنچىلىك مەيدانى 2- شۆبە مەيدانى 3- ئەترىتىدىكى باغۋەن خۇ جيا ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دۇكىنىنىڭ سېتىشقا ئىشلىتىلىدىغان تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى يېزىش، ئالدىن سېتىش تالونلىرىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇلتۇر 11- ئايدا، خۇ جيا تۇنجى قېتىم تور ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ناۋات ئالمىسىنى سېتىشقا باشلاپ، قىسقىغىنا ئىككى ئايدا سەككىز توننا ئالما سېتىپ 100 مىڭ يۈەن تاپقانىدى. توردا ئالما سېتىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن خۇ جيا بۇ يىل خېلى بۇرۇنلا زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خالتا كىيگۈزۈپ يېتىشتۈرگەن ئالمىلار نەچچە كۈن بۇرۇنلا زاكاز قىلىنىپ بولۇندى. مال سېتىۋالغان خۇجايىنلارنىڭ بەرگەن زاكالەت پۇلى 50، 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ناۋات ئالمىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، سېتىلىشىمۇ ياخشى بولدى.
ئاقسۇدا، خۇ جياغا ئوخشاش ئېلىكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشكەن باغۋەنلەر ئاز ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «كىرگۈزۈش، چىقىرىش» ۋە «شىنجاڭ مېۋىسىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك ئالاھىدە مېۋىلەرنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە ساتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئەلى بابا» گۇروھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە «ئەلى بابا سودا شۆيۈەنى (ئاقسۇ) تەربىيەلەش بازىسى» قۇردى ھەمدە خاڭجۇدا «ئاقسۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەربىيەلەش بازىسى» قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى يېزا تور دۇكىنىنىڭ سانى 500 گە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىش سوممىسى 189 مىليون يۈەنگە، يېزىلاردىكى توردىن مال سېتىۋېلىش ئىستېمال سوممىسى 238 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاقسۇ «دېشىڭ» ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى لى كەييىڭ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى مال يەتكۈزۈش مىقدارى 600 توننىدىن 700 توننىغىچە بولماقتا. 60، 70 شەھەرگە مال يەتكۈزىۋاتىمىز. ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ئوراپ- قاچىلاش، ۋاقىت چېكى جەھەتتە، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشىلىدۇق. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار يەنە «ئالاقە تورى قوشۇلغان» ئەندىزە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، «نامرات ئائىلىلەرنى تور سودىگەرلىرىگە، نامرات كەنتلەرنى مال ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇش» تەك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يولىنى تېپىپ چىقتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت مەركىزى، يېزا- بازار ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى، كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇرۇپ، ناھىيە، يېزا- بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سىستېمىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزىلارنى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن «جانلىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تېخىمۇ كۆپ دېھقانلار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىغا تايىنىپ بېيىدى.
    قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا، 8 مىڭ مو يەردىكى ئانار پىشىش مەزگىلىگە كىردى. ئاۋات يېزىسى باغۋەنلەرنىڭ ئانارنى ياخشى باھادا سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىگە تايىنىپ، 19 ئېلېكتىرونلۇق سودا تور نۇقتىسىدا تىجارەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى. ئاۋات يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋىيبو مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىزىل توغاچنى توردا سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەر مو يەردىن قىلىنغان كىرىمنى 1 مىڭ 500 يۈەندىن 2 مىڭ يۈەنگىچە ئاشۇردۇق. بىز ئانارنى نەپىس ئوراپ- قاچىلاپ، تور سودىسى مەركىزى ۋە سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى ئارقىلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن، ئانارنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
 بۇ يىل قەشقەر شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، باغۋەنلەر ئۈچۈن ۋاسىتىچى بولۇپ، ئۇلارنى مەھسۇلاتنى ئوراش- قاچىلاش لايىھەسى، ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «قەشقەردىن سېتىۋېلىش»، «شەھەر ئىچى ئالاقە تورى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» قاتارلىق توردا سېتىش سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى. پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى دېھقان نۇرگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، مال سېتىش ئۈچۈن ئۆزىمىز ساندۇققا قاچىلايتتۇق، شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىشمۇ تەسكە توختايتتى. ھازىر سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق. ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىگە ئاپارساقلا ساتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە ساندۇققا قاچىلاپ سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلىساقمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا قىشتا تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدۇ.  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرغان. نۆۋەتتە، دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر) دىن 36 سى بار ئىكەن. «13- بەشيىللىق» پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر) نىڭ سانى 40 قا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر) نىڭ سانى 60 قا يەتكۈزۈلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى