قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېرىنداشلىق رىشتى مۇنداق باغلانغان

2018-10-08 15:42:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى تولىندانداغاي كەنتىدىكى ئۇيۇن بېلىك بىلەن خۇاڭ پۇتىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر «ئاچا-سىڭىل» لاردىن بولۇپ، ئۇلار كەنتتىكى ئەدەبىيات- سەنئەت تايانچلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دائىم بىرلىكتە نومۇر تەييارلاپ، يۇرتداشلارغا ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بەردى. 
  بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇيۇن بېلىك بىلەن خۇاڭ پۇتىڭ يېڭىدىن ئۇسسۇل تەييارلاپ، كەنتتىكى يۇرتداشلارغا ئورۇنلاپ بەردى. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن خۇشال بولۇشتى. ئۇيۇن بېلىك مۇنداق دېدى: ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىسام ناھايىتى خۇش بولىمەن.
2014- يىلى كەنتتە ئۇسسۇل ئەترىتى قۇرۇلۇپ، بۇ ئىككەيلەن ئەترەت ئەزالىرىدىن بولدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇسسۇل ئاساسى بولمىغان خۇاڭ پۇتىڭ ياخشى ئوينىيالمىدى. ئۇيۇن بېلىك ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتى. خۇاڭ پۇتىڭ مۇنداق دېدى: ئۇيۇن بېلىك ئاچام ھەر بىر ھەركەتنى زېرىكمەي ئۆگەتتى. ھاۋا ئىسسىغاندا، يۈزىمىزدىكى گىرىملىرىمىز ئېقىپ، ناھايىتى كۈلكىلىك بولۇپ كېتەتتۇق. ئەمما، بىز ناھايىتى خۇش بولدۇق. بىزنىڭ قېرىنداشلىقىمىز مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ. 
جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، خۇاڭ پۇتىڭنىڭ ئۇسسۇل سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى شۇنداقلا ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدى. ئەمما، شۇ چاغدا، ئۇيۇن بېلىكتىن چاتاق چىقتى. خۇاڭ پۇتىڭ مۇنداق دېدى: بەزىدە ئۇنى ئۇسسۇل ئويناشقا چاقىرساقمۇ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا گەپ قىلساق، بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلا- قىلمايلا كۆزىگە ياش ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ قالدىم.
ئەسلىدە، ئۇيۇن بېلىكنىڭ ئوغلى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئامراق ئوغلى يىراققا كەتكەن ئۇيۇن بېلىك بۇنىڭغا پەقەتلا كۆنەلمىگەنىدى. شۇ مەزگىللەردە، خۇاڭ پۇتىڭ ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقاردى. خۇاڭ پۇتىڭ ئۇيۇن بېلىكنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئۇنى خىزمەت ئىزدەشكە يېتەكلىدى. ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇيۇن بېلىك بازاردىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ مال ساتقۇچىسى بولۇپ، ھەر ئايدا 2 مىڭ 500  يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى. ئۇيۇن بېلىك مۇنداق دېدى: سىڭلىم خۇاڭ پۇتىڭ ماڭا «ئاچا، ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ مەن ئۇسسۇل ئويناشنى بىلمىگەندە، سىز ماڭا ئالدىرىماي ئۆگەتكەنتىڭىز. مەن ھازىر ئۇسسۇلنى ياخشى ئوينايدىغان بولۇپ كەتتىم. پەقەت ئەستايىدىل بولغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. خۇاڭ پۇتىڭ مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل ئويناشنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىمىز. 80 ياشقا كىرگەندىمۇ بىللە ئۇسسۇل ئوينايمىز. ئاچا- سىڭىللىق مىھرىمىزنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى