قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چىڭياڭخۇ يېزىسىدىكىلەر 35 مىڭ مو قاپاق كاۋىدىن مول ھوسۇل ئالدى

2018-10-08 15:48:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چىڭياڭخۇ يېزىسى دوڭچىڭ كەنتىدىكى كەڭ كەتكەن ئېتىزلاردا، بىر قاپاق كاۋا يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، ئېتىزدىكى قاپاق كاۋىلارنى پىلىكى بىلەن بىللا قوشۇپ يولۇۋاتاتتى. ئالتۇنرەڭ سارغايغان قاپاق كاۋىلار قۇر ئارىلىقىدا 4 مېتىردىن 5 مېتىرغىچە ئارلىق قالدۇرۇلۇپ، رەتلىك تىزىلغان ئىدى.
چىڭياڭخۇ يېزىسى ئەرگۇڭلىياڭ كەنتىدىكى دېھقان جاڭ تىڭچياڭ بۇ يىل 20 مو يەرگە ئۇرۇقى ئىستېمال قىلىندىغان قاپاق كاۋا تېرىپ، ھەر مو يەردىن 150 كىلوگرام ئەتراپىدا قاپاق كاۋا ئۇرۇقى ئالدى، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر مو يەرنىڭ مو بېشى ساپ كىرىمى 700 يۈەن ئەتراپىدا بولغانىدى. جاڭ تىڭچياڭنىڭ دىيىشچە: ئۇ بۇلتۇرمۇ قاپاق كاۋا تېرىغان، بۇ ئىككى يىلدا كاۋا ئۇرۇقىنىڭ باھاسى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، مەھسۇلاتىمۇ يۇقىرى چىققان. تېرىشتىن تارتىپ يىغىشقىچە ھەممىسىدە ماشىنىلىشىش ئىشقا ئېشىپ، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ نۇرغۇن كۈچى ۋە ۋاقىتى تېجەلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭياڭخۇ يېزىسى دېھقانلارنى ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشقا پائال يېتەكلىدى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشگە ئەگىشىپ، قاپاق كاۋا تېرىش ۋە يىغىشنىڭ ھەممىسىدە ماشىنا ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىنىدىغان بولدى. بۇ ئىككى يىلدا قاپاق كاۋا ئۇرۇقىنىڭ باھاسىمۇ مۇقىم ئاشقاچقا، قاپاق كاۋا ئۆستۈرۈش كەڭ دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چىڭياڭخۇ يېزىسىدا 35 مىڭ مو كۆلەمدە قاپاق كاۋا تېرىلغان بولۇپ، قاپاق كاۋا تېرىقچىلىقى، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا نۇرغۇن ئىقتىسادىي قىممەت ياراتىپ بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى