قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمۇلنىڭ يېزا- كەنتلىرىدىكى سەھراھ ئارامگاھلىرى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-10-08 15:49:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇلتۇر 9- ئايدا، قۇمۇل شەھىرىنىڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى گاۋجياخۇ يېزىسى شىرىنزا  كەنتىدىكى دېھقان فېڭ گوخۇەي ئايالى بىلەن ھويلىسىغا 60 كۋادرات مېتىرلىق يېمەك- ئىچمەك ئايرىمخانىسى سالدۇرۇپ، ماجاڭ ئۈستىلى، كارا ئوكى قاتارلىق ئەسىھەلىرىنى تولۇقلاپ سەھراھ ئارامگاھى ئېچىۋالدى، ئاندىن يەنە ئىككى ساياھەت ۋېلىسىپىتى سەپلەپ ئىش باشلىغان تۇنجى ئايدىلا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپقانىدى. ھازىرغا قەدەر، گاۋجياخۇ كەنتىدىلا ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار سەھراھ ئارامگاھى ئېچىۋاتقان 12 ئائىلە بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئالىي دەرىجىلىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدىن ئىككىسى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنىدىن بىرى بار. بۇيىل 4- ئايدىن 6- ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە ئىككى ئايدىلا، گاۋجياخۇ نەملىك يەر مەنزىرە رايونى كۈتىۋالغان ساياھەتچى 37 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، سەھراھ ئارامگاھلىرىنىڭ كىرىمى 640 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، فېڭ گوخۇەي دەل موشۇ مەنزىرە رايونىدا سەھراھ ئارامگاھى ئېچىش ئارقىلىق، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭغان دېھقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نۇرغۇن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ قالغان.
نۆۋەتتە، قۇمۇل شەھىرى بويىچە سەھراھ ئارامگاھلىرى 600 دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھراھ ئارامگاھى 133 نى ئىگەللىدى. پەقەت بۇ يىل يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان سەھراھ ئارامگاھى ۋە ئاۋۇل ئارامگاھى 60 دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇلتۇز دەرىجىلىك ئارامگاھلار 18 گە يەتتى.
قۇمۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ قارىشىچە، باشقا نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۈچلۈك بازار ئەۋزەللىكى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھاياتىي كۈچى، كۈچلۈك قان ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق، غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئويناپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋە روناق تاپقۇزۇشتىكى تۈرتكىلىك رولى كۈنسايىن كۆرۈنەرلىك بولغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى