قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون شەھەر -يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى يەنە ئۆستۈردى

2018-10-08 15:50:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوتتۇرىچە تولۇقلىما سەۋىيەسى بۇلتۇرقى ئېيىغا 310 يۈەندىن ھازىرقى ئېيىغا 325 يۈەنگە؛ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوتتۇرىچە تولۇقلىما سەۋىيەسى بۇلتۇرقى ئېيىغا 176 يۈەندىن ھازىرقى ئېيىغا 200 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە قىيىنچىلىقى بار 2 مىليون 640 مىڭ ئامما بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى.
ئاپتونوم رايون دەل توغرا بېكىتىش، سۇغۇرتىغا دەل جايىدا قاتناشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ياردەمچى خادىملىقىنى قوشۇمچە ئۆتەش ۋە تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى بۇلتۇرنىڭ بېشىدىكى 1 مىليون 665 مىڭ كىشىدىن 2 مىليون 100 مىڭ كىشىگە كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى 1 مىليون 500 مىڭ كىشى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %71 نى ئىگىلىدى. ئېغىر نامرات رايونلاردىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان 320 مىڭ ئوبيېكتنىڭ ھەممىسى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى