قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاۋخۇاداۋ ئارىلى مەنزىرە رايونى

2018-10-08 16:05:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاۋخۇاداۋ ئارىلى مەنزىرە رايونى ـــ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن شەھىرىدىكى جۇشەن تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، پۇتوشەن تېغى ۋە جۇجياجيەن بىلەن بولغان ئارلىقى ئىنتايىن يېقىن. جىن يۇڭنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «دۇڭ شيې» خۇاڭ دورىگەرمۇ بۇ ئارالدا تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئىچكىرى ئۆلكە نۇسخىسىدىكى «بۈركۈت قەھرىمان» ۋە «سەككىز ئەجدىھا» قاتارلىق فىلىملەر سۈرەتكە ئېلىنغان بولغاچقا كىشىلەرگە ئىنتايىن تونۇشلۇق. ئارالنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بولۇپ، سالقىندايدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي.
تاۋخۇاداۋ ئارىلى ــ تاۋخۇا جىلغىسى، تاۋەن ئالتۇن قۇملىقى، ئەنچى چوققىسى، دافويەن، تاۋخۇاگاڭ، شىيەنبوگۇ ئارىلى قاتارلىق ئالتە چوڭ مەنزىرە رايونىدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ ئارىسىدىكى تاۋخۇا جىلغىسى، تاۋەن ئالتۇن قۇملىقى، ئەنچى چوققىسى، دافويەن قاتارلىقلار ساياھەتچىلەر ئاساسلىق ساياھەت قىلىدىغان جاي. تاۋخۇا ئارىلى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدۇ. بولۇپمۇ، ھەر يىلى6- ئايدىن10- ئايغىچە ئەڭ ياخشى ۋاقىت. لېكىن، تاۋخۇاداۋ ئارىلىنى ساياھەت قىلغاندا ئامالنىڭ بارىچە بايرام كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا بېرىش كېرەك. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا مەيلى سىز كېمىگە ئولتۇرۇپ ئارالغا كىرىڭ ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىڭ ئادەم ئىنتايىن كۆپ. ئەلۋەتتە، ھازىر بۇ يەردىكى شاپتۇل چېچىكى ئاساسەن تۈگىدى، قالغانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى سۈنئىي شاپتۇل چېچىكى.
تاۋخۇاداۋ ئارىلىدا شائاۋچېدۇ پرىستانى ۋە تاۋخۇاداۋ يولۇچى توشۇش بېكىتى قاتارلىق ئىككى پىرىستان بار. ئەگەر سىز شائاۋچېدۇ پىرىستانى ئارقىلىق ئارالغا بارماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال ئەتتىگەن دافويەن مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلىڭ. بۇ يەردە ئارال كىنو- فىلىم ئىشلەش بازىسى «بۈركۈت قەھرىمان» ساياھەت شەھەرچىسى بار. بۇ يەردە سۇغا يېقىن سېلىنغان سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شىپاڭ ۋە ئايۋانلىرىنى كۆرەلەيسىز، سۇ ئۈستى شىپاڭىدىكى پەشتاقلار بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سىز لىنئەن كوچىسى، خۇاڭ دورىگەر تاغلىق كەنتى، گۇييۈن تاغلىق كەنتى، نەندى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئايلىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. دافويەن چوققىسىغا چىقىپ، يىراقتىكى تاقىم ئاراللىرىغا نەزەر تاشلىسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا شېئىرىي تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر نامايەن بولىدۇ.
بۇ يەرنى ساياھەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئارال ئاپتوبوسىغا ئولتۇرۇپ ئەنچى چوققىسى مەنزىرە رايونىغا بارسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردە سىز جوۋشەندىكى بىرىنچى ئېگىز چوققا ئەنچى چوققىسغا چىقالايسىز. تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ جوۋشەن تاقىم ئاراللىرىنى، غەلىتە قورام تاشلارنى ۋە مۇقەددەس بۇتخانىلارنى كۆرەلەيسىز. ئەنچى چوققىسى مەنزىرە رايونىنىڭ يېنىدىلا تاۋخۇا جىلغىسى مەنزىرە رايونى بار، بۇ يەر بولسا ئارالدىكى تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئەڭ گۈزەل رايون بۆلىكى بولۇپ، ئاساسلىقى شەرقىي دېڭىزى مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دىئامېتىرى 80 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى تاش توپ، خۇددى شەرقىي ئېغىزدىكى بىر تال يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دەنجى چوققىسى، «بۈركۈت تېشى»، «دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ قىرغاقنى چارلىشى» ۋە «تارتىچاق شەپقەتكار بوتساتىۋا» مۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئەگەر ھارغان بولسىڭىز، تاۋەن ئالتۇن قۇم مەنزىرە رايونىنىڭ مىڭ قەدەم ئالتۇن قۇم مەنزىرە رايونىنى ئايلىنىپ كېلىڭ. بۇ يەردىكى سۇنىڭ رەڭگى سۈپسۈزۈك. ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ھەر كۈنى قۇياش دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەندە، دېڭىز، ئاسمان، قۇملۇق، يەر بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ-دە، «ئالتۇن قۇم ساھىلىدىن قۇياش كۆتۈرۈلگەن» تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە ئەرزىيدۇ.
تاۋخۇاداۋ مەنزىرە رايونى گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەگەر ئات ئۈستىدە گۈل تاماشا قىلغاندەك ئىش بولسا ئۇنداقتا بىر كۈندىلا ئاساسلىق تۆت چوڭ مەنزىرە نۇقتىسىنى سەيلە قىلىپ بولغىلى بولىدۇ. ئەگەر، سىزنىڭ ئالدىرماي سەيلە قىلىپ مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ياخشى كۆرگىڭىز بولسا ئارالدا بىر ئاخشام قونسىڭىز بولىدۇ، كەچتە قۇم ساھىلىدا گۈلخان بەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، ئۇ يەردە يەنە مۇزىكىلىق قاۋاقخانىمۇ بار. سالقىن دېڭىز شامىلىنىڭ يەلپۈشىدە ئىككى رومكا ھاراق ئىچسىڭىز ئەركىن، غەمسىز بولۇپ قالىسىزدە بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىڭىز بىر دەمدە يوقايدۇ.
تېخىمۇ قىزىقارلىق، تېخىمۇ شەھەر تۇرمۇشىغا ئىگە بولغىنى دەل دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى. ئارالدا ئاساسەن يەرلىكلەر ئاچقان دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى بار، بۇ يەردە تۇرغىلى، تاماق يىگىلى بولىدۇ، يەنە تېخى يەرلىك كىشىلەرنىڭ دېڭىزدىن سۈزۈۋالغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا پىششىقلاپ ئىشلەتكۈزسە بولىدۇ، باھاسى قىممەت بولمىغان بىلەن تەمى ئىنتايىن ياخشى. تاۋخۇاداۋنى سەيلە قىلغاندا ئارالغا چىقىدىغان پرىستان شۇنداقلا مېھمانخانىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر، تەيفىڭ بورىنى پەسلىگە دۇچ كېلىپ قالسىڭىز ئارالغا بېرىش پىلانىڭىز سۇغا چىلىشىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىك يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ھاۋارايى مەلۇماتىغا دېققەت قىلىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى