قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۆش يىيىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى

2018-10-08 16:14:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قىش پەسلى بولسا گۆش يەيدىغان پەسىل، ھەر بىر ئائىلىنىڭ گۆش پۇشۇرىدىغان مەخپىي رىتسىپى بار، بەزىلەر موگۇ سېلىشنى، يەنە بەزىلەر ھەر خىل دورا- دەرمەنلەرنى سېلىپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كۈتۈنۈشنى بىلىدىغان ياشانغانلار بولسا گۆش پۇشۇرغاندا ئادەمگىياھ، كەتراچىنى، ئالقات قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوشۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۈز پەسلى گۆش يەيدىغان پەسىل بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن مىۋىلەر بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل، بۇ توق شىرنىلىك مىۋىلەرنى گۆشى پۇشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ئالاھىدە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغىلى؛ كۈز پەسلىدە گۆش پۇشۇرغاندا تۆت خىل مىۋىنى ئارلاشتۇرغاندا قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى، غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
1. گۆش پۇشۇرغاندا ئازراق ئالما سىلىۋىتىش.
ئالما بولسا ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان مىۋە، ئالما تەركىبىدە مول مىقداردا مېۋە يېلىمى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئالمىغا ئىسسىق ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى پولىفېنول تۈرىدىكى تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ. بۇ قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشكە، بەدەندىكى ئارتۇقچە ئەركىن رادىكالنى تازلاشقا، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق.
2.گۆش پۇشۇرغاندا ئازراق دولانا سىلىۋىتىش.
قىپقىزىل دولانا تەركىبىدە كاروتىن، كالتسىي، مېۋە كىسلاتاسى، قۇش ماددىسى كىسلاتاسى، كراتېگىن قاتارلىق پايدىلىق تەركىبلەر بولۇپ، ئادەتتە بىز دولانا تورتى، تاڭخۇلۇ قاتارلىقلارنى قىلىپ يەيمىز. دولانا تەركىبىدىكى فلاۋون قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ۋە ئۇزاققىچە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ماينى چىقىرىپ تاشلاش، ئاشقازان- ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشتىھانى ئېچىش رولى بار.
3. گۆش پۇشۇرغاندا ئازراق كۇلى بېھىسى ئارلاشتۇرۋىتىش.
كۇلى بېھىسى تەركىبىدە كۇلى بېھىسى فېرمېنتى بولۇپ، گۆش تەركىبىدىكى ئاقسىللارنى ئاجرىتىپ، ئىنتايىن يۇمشاق قىلىدۇ. بۇ تەبىئىي گۆش يۇمشىتىش ئۇنىغا باراۋەر. بۇ بازارلاردا سېتىلىۋاتقان سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن گۆش يۇمشىتىش ئۇنىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن گۆش يۇمشىتىش ئۇنىدا نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى بار. لېكىن، چوقۇم كۆك كۇلى بىيىسى ئېشلىتىش، ھەرگىزمۇ سېرىق كۇلى بىيىسى ئىشلەتمەسلىق كېرەك. گۆشنى پۇشۇرغاندا گۆشنى چوقۇم پارچە پارچە ياكى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، كۆك كۇلى بىيىسىنىڭ پوستىنى ئاخلىۋېتىپ ئۇنىمۇ پارچە پارچە قىلىپ توغراپ، گۆش بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ئاق شېكەر ۋە تۇخۇم ئېقى قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز، ئاندىن ئازراق قۇرۇق كىراخمال ئارىلاشتۇرۇپ، 30 مىنۇت سۈرلىگەندىن كېيىن ئاندىن پۇشۇرسا بولىدۇ. 
4.گۆش پۇشۇرغاندا ئازراق بولو سىلىۋىتىش.بولو تىلغا ئېلىنسا كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە داڭلىق قورۇما «بولو قەدىمىي گۆشى» كېلىدۇ. بۇ گۇاڭدۇڭ قورۇمىسىنىڭ تەمى ساپ ھەم يىيىشلىك بولۇپ، چۈچۈمەل تەمى ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بۇنىڭ خام ماتىريالى ئىچىدە بولو بار. بولونىڭ تەمى خۇشپۇراق، رەڭگى كىشىنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدىغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بولومۇ تەبىئىي «گۆش يۇمشىتىش ئۇنى». بۇ خىل رولى بولو تەركىبىدىكى بولو ئاقسىل ئېنزىمىدىن كەلگەن بولۇپ، تۇز سۈيىگە چىلىغاندىن كېيىن، بولو ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلاپلا قالماي، بولونىڭ تەمىنىمۇ ئىنتايىن تاتلىق قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى