قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چۈشىمىزدە بۈيۈك تاڭغا قايتىش

2018-10-08 16:16:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى سېنارىست ۋە رېژىسسور چېن روڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ناخشا- ئۇسسۇللۇق ئېپوس تىياتىرى «چۈشىمىزدە بۈيۈك تاڭغا قايتىش» ھازىر شىئەن داتاڭ نېلۇپەر باغچىسى فېڭمىڭ جۇتيەن تىياتىرخانىسىنىڭ دىراما تىزىملىكىدە ساقلاپ قېلىنغان. فېڭمىڭ جۇتيەن تىياتىرخانىسى داتاڭ نېلۇپەر باغچىسى جەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، باغچا رايونىنىڭ ئاساسلىق ئورنىدا، شىمالدا ئاساسلىق مەنزىرە زىيۈن راۋىقى بار. قۇرۇلۇش كۆلىمى 5 مىڭ 830 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 606 نەپەر تاماشىبىن سىغىدۇ. تىياتىرخانانىڭ جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس 4 مېتىر ئېگىزلىك پەرقى بولغان يەر شەكلى ھاسىل قىلغان تاماشىبىنلار زالى بار، تۆت دانە ئالتۇن سۇمرۇغ قانات قېقىپ ئۇسسۇل ئوينىغان، ياڭراق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىپ، تىياتىرخانىنىڭ نامى ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان. تىياتىرخانا ئىنتايىن ھەشەمەتلىك، تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن پۇرىقى مۇجەسسەملەنگەن، زامانىۋى ئەسلىھەلىرى ئالدىنقى قاتاردىكى خان جەمەتى باغچە شەكىللىك تىياتىرخانا بولۇپ، گۈللەنگەن تاڭ مەدەنىيىتىنى  ئاساسىي تېما قىلىپ ئويۇن كۆرسىتىدىغان يادرولۇق رايون. بۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى گۈللەنگەن، ناخشا- ئۇسسۇل جەۋھەرلىرى، رەڭدار ئاجايىپ- غارايىپ، سىرلىق، شادلىق ۋە رەڭدارلىق بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك ئۇسسۇل ئويۇنى، بىر مەيدان خىيالغا تولغان ۋە شېئىرىي تۈسكە تولغان تاڭ سۇلالىسى مۇراسىمى بولۇپ، سىزگە تەسىرلىك، ئېسىل ۋە گۈزەل تەڭداشسىز بەدىئىي زوق بېغىشلايدۇ.
«چۈشىمىزدە تاڭ سۇلالىسىگە قايتىش» ناملىق بۇ تىياتىرنىڭ ۋاقتى 70 مىنۇت بولۇپ، جەمئىي ئالتە پەردىلىك.
كىرىش سۆز: «سەيلىگاھتىكى قورقۇنۇچلۇق چۈش»-- تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى نامايەن قىلىنىپ، زامان- ماكان ھالقىغان ئاجايىپ ۋاقىتنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ خىيالى ئاشۇ ئاجايىپ رەڭدار لىباسقا ئەگىشىپ قاناتلىنىپ، پەرۋاز قىلىپ، ئۇچۇپ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە قايتىدۇ.
بىرىنجى پەردە: «خىيالىي كىيىم»-- خانىش بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ئەتراپلاردىن مۇزىكا ياڭرايدۇ، دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرىدىكى ھۆر پەرىزاتلار مۇزىكا ۋە چىراقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلىدۇ، گۈزەللىكتە تەڭداشسىز خانىش ئۇچىسىغا رەڭگارەڭ لىباس كىيىپ، ئۇسسۇل كۆينىكىنى يېنىك لەپىلدىتىپ، خۇددى قۇش قانات يايغانغا ئوخشاش، چىرايلىق لىباس ئۇسسۇلى ئوينايدۇ. 
ئىككىنجى پەردە: «چۈشىدە چىن خانىنى تەكلىپ قىلىش»-- ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى قوشۇننىڭ ھەيۋىسى، ھەممە يەرنى ساراسىمىگە سالىدۇ، تۇغلار لەپىلدەپ، قالقانلىرى ئىنتايىن سۈرلۈك، ديەنجياڭ سۇپىسى ئۈستىدە تاڭ مىڭخۇاڭ جاسارەت بىلەن دۇمباق چېلىپ، قالقان سەپ دۇمباق ساداسى ئىچىدە ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىپ، خەنجەر ۋە ئۇزۇن نەيزىلەر، ھەممىلا يەردە يېڭىلمەي تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتنى نامايەن قىلىدۇ.
ئۈچىنجى پەردە: «چۈشتىكى پاك زىمىن»-- سۇدىن چىققان نېلۇپەر، قاتلاممۇ- قاتلام نېپىز شايىلار ئاستا لەپىلدەپ، گۈزەل ئىپپەتلىك، ئايدىن خىجىل بولغان خانىش يۇيۇنغاچ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. خان يەنە بىر گۈزەل، ساپ مۇھەببەتلىك قوش كىشىلىك ئۇسسۇل ئېلىپ كېلىدۇ، تارقالغىلى ئۇزۇن بولغان قىزىق پاراڭنى ئورۇنلايدۇ.
تۆتىنجى پەردە: «خىيال يىپىم باغلانغان غەربىي يۇرت»-- گۈللەنگەن، كۆكسى قارنى كەڭ تاڭ سۇلالىسى، قىزغىن نازاكەتلىك ئۇسسۇل، پاكىز چەبدەس دۇمباق ئۇسسۇلى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان سەكرىمە قوش قىلىچ ئۇسسۇلى، يۇمۇرىستىك چياڭزۇ نېيى، سېھرىي تەنناز ھىندىستان يىلان ئۇسسۇلى، غەلبىنى ئورتاق تەبرىكلەيدۇ. بۇ ياڭراق، شوخ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ياڭراق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، پەردە چۈشۈرۈلىدۇ، يىپەك يولى پارچە مەنزىرىسى قايتا نامايەن بولىدۇ، ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى باشلىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى خەزىنىسىنى ئېلىپ ئالغا ئىنتىلىدۇ، پەردە ئارقىسىدىكى چىراغلار سۇسلاشتۇرۇلىدۇ، چەت ئەلنىڭ تۆگە كارۋانلىرى، پىل قوشۇنى ۋە بىر تۈركۈم قىزىل قانات بارا- بارا يىراقلاپ بارىدۇ.
بەشىنجى پەردە: «چۈشىدە چۈجىياڭنى سەيلە قىلىش»-- يۇرتلار تىنچ، خەلق خوشال، ئىللىق باھار، دەريا سۇلىرى شىلدىرلاپ ئاققان، يەنتا شولىسى دەريا يۈزىدە ئەكس ئىتىدۇ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كوچا چامباشچىلىقى، مول مەزمۇنلۇق سېرىك ئويۇنى، ئەدەپ- قائىدىلىك بالىلار، ياشلىققا قەدەم قويغان قىزچاقنىڭ قەلبى ئويغانىدۇ، شەمشەرلەر يالت- يۇلت نۇر چىقىرىپ، جىرىڭلاپ تۇرىدۇ، چەۋگەن توپنىڭ روھى ھەممە يەرگە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئالتىنجى پەردە: «چۈشىمىزدە بۈيۈك تاڭغا قايتىش»-- ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى مۇراسىم، بارچە خەلق بۈيۈك تاڭنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ، گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى كاتتا مۇراسىمى جاھانغا تارىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىدىكى نۇرغۇن گۈزەللەر شۇ دەۋرنىڭ كىيمىنى كىيىپ ئاستا- ئاستا ئوردا ئىچىگە كىرىپ جۇڭخۇا كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. ئاۋام ناخشا ئېيتىپ، يەر جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، ساليوتلار ئېتىلىپ، پۈتۈن ئويۇن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ ئاياغلىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى