قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزگىچە تائاملار شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

2018-10-08 16:24:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئېسىل تائاملار مەدەنىيىتىنى قېزىپ، ئېسىل تائاملار بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېسىل تائاملار ساياھىتىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى ئاشۇردى.
دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدىيەن بازىرىدىكى «غەربىي يۇرت باھار ئېكولوگىيەلىك سەھرا ئارامگاھى» دېھقانلارنىڭ يەرلىك تائاملىرىنى تېتىپ باققىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ئۈستەل ئۈستىدىكى ئۇنغا مىلەپ پىشۇرۇلغان قوي يانپىشى كاۋىپى، كاۋاپ قاتارلىق ئالاھىدە تائاملار كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، «غەربىي يۇرت باھارى ئېكولوگىيەلىك سەھرا ئارامگاھى» يەنە كۆپ خىل ئۆزگىچە تائاملارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، 2015- يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت ـ بازارلارنى باھالاشتا، بۇ ئارامگاھ «ئۇنغا مىلەپ پىشۇرۇلغان قوي يانپىشى كاۋىپى» غا تايىنىپ مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل سەھرا ئارامگاھى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ داڭقىنى چىقارغانىدى.
كىشىلەرنىڭ ساياھەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش بارغانسېرى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خۇنەنلىك ساياھەتچى چېن سەييۈن دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ، كۇچا نان شەھەرچىسىنى بىر چۈشتىن كېيىن ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
ساۋەن چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ئېسىل يېمەكلىك. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسىدىكى «شاۋېيۋاڭ» توخۇ قورۇمىسى دۇكىنىدىكى ئاشپەزلەر ھەر كۈنى بالدۇر ئىشقا چىقىپ، ھەر خىل يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسى چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى ئاساسىدا، «چوڭ تەخسىلىك غاز قورۇمىسى»، «چوڭ تەخسىلىك بېلىق قورۇمىسى»، «چوڭ تەخسىلىك قورساق قورۇمىسى» قاتارلىق 30 نەچچە خىل قورۇمىنى مەيدانغا چىقاردى، ھەر يىلى كېلىپ چوڭ تەخسىلىك تائاملارنى تېتىيدىغان ساياھەتچىلەر بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن، ساياھەت كىرىمى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ھەر كۈنى دېگۈدەك  ۋاكۇئۇمدا ئورالغان مىڭدىن ئارتۇق ساۋەن چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى