قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشنىڭ سەككىز خەتىرى

2018-10-08 17:34:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شوپۇرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
شوپۇرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئاپتوموبل سۈرئىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگۈرىدۇ. سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە شوپۇرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى تارىيىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەيدۇ-دە، ئالدىدىكى تۇيۇقسىز  يۈز بەرگەن ئەھۋالغا دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالماي، ئاسان ھادىسە سادىر بولىدۇ.
يولدىكى گىرەلىشىش ۋە توقۇنۇش نۇقتىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يانداش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ، ھەر قېتىم يانداپ ئۆتكەندە تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن ئۇچرىشىش بىلەن بىللە، ياندىكى سۈرئىتىنى ئاستىلاتقان ئاپتوموبل بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ، بۇ جەرياندا گىرەلىشىش ۋە توقۇنۇشۇش نۇقتىسى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى سادىر بولىدۇ.
شوپۇرنىڭ سۈرئەتكە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.
شوپۇر ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىگە توغرا ھۆكۈم قىلالمايلا قالماستىن، ئەتراپىدىكى ئاپتوموبل، ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى ۋە باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سۈرئىتىگىمۇ سەل قارايدۇ. شۇىڭ بىلەن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالغا دەل ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىلماي ھادىسە سادىر بولىدۇ.
ئاپتوموبىلىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش ئاپتوموبىلنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئەسۋابلارنىڭ ئاسان بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئاپتوموبىل چاقىغا زىيانلىق بولۇپ، چاقنىڭ ئاسان ئۇپرىشى ھەمدە  ئېتىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شوپۇرنىڭ چارچاش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە، ياندىكى ئاپتوموبىللاردىن يانداپ ئۆتۈش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ، يۈرۈش ئارىلىقىمۇ قىسقىرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن شوپۇرنىڭ پىسخىكىلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كېتىپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بولالمايدۇ-دە، ئاسانلا چارچاپ، مۈگدەپ قېلىپ، ھادىسە يۈز بېرىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ.
تورمۇز ۋاقتى ۋە ئارىلىقىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ. 
ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇز ئارىلىقى بىلەن سۈرئىتى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئاپتوموبىل سۈرئىتى تېز بولۇپ كەتسە، ئېنېرتسىيە تەسىرىدىن تورمۇز ئارىلىقى ئۇزىراپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ھادىسە يۈز بېرىش نىسبىتىمۇ زورىيىپ كېتىدۇ.
شوپۇر ئاسان جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە ئەگەر تۇيۇقسىز جىددىي ئەھۋال يۈز بەرسە، شوپۇر جىددىيلىشىپ قالايمىقان ئويلاپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرالماي، جىددىي تەدبىر قوللانسىمۇ يەنىلا ئاسان ھادىسە يۈز بېرىدۇ.
ئاپتوموبىل مەشغۇلاتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.تېز سۈرئەتتە ئايلانما يولغا كىرگەندە، ئاپتوموبىل مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا يانچە  تېيىلىپ  كېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى