قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىلدىن چىققان پۇراققا ئاساسەن كاشىلىنى پەرقلەندۈرگىلى بولامدۇ؟

2018-10-08 17:39:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ئاپتوموبىل كابنكىسى ئىچىدىكى پىلاستىك ماتېرىيال (سولياۋ) كۆيگەن پۇراق
سەۋەبى: توك سىمى بەك قىزىپ كەتكەن ياكى ئېلېكتىرىك ئۈسكۈنىلەردە قىسقا تۇتىشىش (ماس بولۇپ قېلىش) ئەھۋالى بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر پىلاستىك ماتېرىيالدىن ياسالغان بۇيۇملار كۆيگەن پۇراق بولسا، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئېلېكتىرىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىم يولى بەك قىزىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. توك سىمى كۆيگەندە ئادەتتە دائىرىلىك قىزىيدۇ ياكى ئىس چىقىدۇ، ئىنچىكىلىك بىلىن تەكشۈرگەندە، ھادىسىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ، كاشىلا كۆرۈلگەن ئورۇننى بېكىتىش تەس ئەمەس.
2. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا ئاپتوموبىل ئىچىدىكى غەيرىي پۇراق
سەۋەبى: ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزگۈچ ئۆزىكى ياكى شامال يەتكۈزۈش يولى پاكىز ئەمەس بولۇشى مۇمكىن
ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال يەتكۈزۈش يولى، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا زاپاس ساندۇقى، پۇت تەگلىكى قاتارلىق ئورۇنلار مۇھىم بۇلغىنىش مەنبەسى بولۇپ، ئەگەر ئاپتوموبىل ئىچىدىن غەيرىي پۇراق پۇرىسا، دەرھال پاكىز تازىلاش لازىم.
3. كاۋچۇك كۆيگەن پۇراق
سەۋەبى: بالون، تاسما قاتارلىق كاۋچۇكتىن ياسالغان بۇيۇملاردا كاشىلا كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن
كاۋچۇك كۆيگەن پۇراقنى ئەڭ ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئاپتوموبىلدا بۇ خىلدىكى پۇراقنى بايقىسىڭىز، تۆۋەندىكى بىر نەچچە قىسىمغا دىققەت قىلىڭ:
1) موتور بۆلمىسى ئىچىدىكى ھەر قايسى تاسمىلاردا بوشىشى ياكى تېيىلىش ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش لازىم. موتور تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقاندا تاسمىنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماسلىق ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشى ياخشى بولماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا دەرھال تەكشۈرتۈش لازىم.
2) تورمۇز تاقىسى ۋە بالوننىڭ قىزىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش لازىم. ئۇدا تاغ يولىغا يولۇققاندا، بىر قىسىم شوپۇرلار ئايلانغاندا ۋە دۆڭدىن چۈشكەندە ھەمىشە ھە دەپ تورمۇز دەسسەشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تورمۇز سىستېمىسى ۋە بالوننىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. تورمۇز ۋە بالوندا بۇنداق پۇراق كۆرۈلگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىلنى چەتكە توختىتىپ، تورمۇز ياپراقچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەبىئىي تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئاندىن ھەيدەش لازىم، ھەرگىزمۇ تورمۇز ياپراقچىسىغا سوغۇق سۇ چېچىشقا بولمايدۇ! بۇنىڭدىن باشقا، كاۋچۇكتىن ياسالغان بىر قىسىم يۇمشاق تۇرۇبىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ كاۋچۇك پۇرىقى چىقىدۇ.
4. كۆيمىگەن بېنزىن پۇرىقى/خام ماي پۇرىقى
سەۋەبى: ماي باكى زەخىملەنگەن ياكى ماي تەمىنلەش سىستېمىسىدا ماي سارقىش كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھەمىشە كۆيمىگەن بېنزىن پۇرىقىنى پۇرىسىڭىز، چوقۇم ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ماي ئاققان ئورۇن ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن يولغا چىقىشىڭىز لازىم. مەيلى ئېلېكتىرلىك ماي پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىل بولسۇن ياكى كاربيۇراتورلۇق ئاپتوموبىل بولسۇن، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن ماي تۇرۇبا يوللىرىدا كونىراپ يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاپتوموبىل ئازراقلا سىلكىنسە ياكى تۇرۇبا يولى ئىچىدىكى بېسىمدا ئۆزگىرىش بولسا، يېقىلغۇ ماي مۇشۇ ئورۇندىن سارقىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ بېنزىن پۇرىقىنى پۇرىغاندا، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى تاماكا قاتارلىق ئوچۇق يالقۇنلارنى ئۆچۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسىي يولدىن ئايرىلىپ، باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن ھادىسە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
 5. ئاككۇمۇلياتوردىن چىققان سېسىق پۇراق
سەۋەبى: ئېلېكتىرولىز ئېرىتمىسى ئېقىپ كەتكەن بولۇشى ياكى ئاجىزلاشقان بولۇشى مۇمكىن
بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە سۇيۇقلۇق تىپىدىكى ئاككۇمۇلياتورلاردا كۆرۈلىدۇ، چۈنكى سۇيۇقلۇق تىپىدىكى ئاككۇمۇلياتور ئېلېكتىرولىز ئېرىتمىسىگە تايىنىپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ۋە ئايلاندۇرۇشنى تاماملايدىغان بولۇپ، ئېلېكتىرولىز ئېرىتمىسى ئېقىپ كەتكەندە بىر خىل بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان سېسىق پۇراق چىقىدۇ. ئەگەر ئېلېكتىرولىز ئېرىتمىسى بەك خوراپ كەتسە ياكى ئاجىزلاپ كەتسە، ئاپتوموبىل يۈرۈۋاتقاندا ئېلېكتىردىۋىگاتېل ئاككۇمۇلياتورغا مەجبۇرىي توك قاچىلاپ، ئاككۇمۇلياتورنىڭ بەك قىزىپ ئاق ئىس چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېسىق پۇرايدۇ. قۇرۇق تىپتىكى ئاككۇمۇلياتوردا سۇيۇقلۇق ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ، بىراق ئۈنۈمىنى يوقىتىش دەۋرى بولىدۇ، ئادەتتە ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئۈستىدىكى كۆزىتىش ئېغىزىدىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
6. ئاپتول ۋە بېنزىن ئارىلىشىپ كۆيگەندىن كېيىنكى پۇراق
سەۋەبى: ئاپتول سىلىندىر ئىچىگە چاچراپ كىرىپ كۆيۈشكە قاتناشقانلىقتىن بولىدۇ
ئاپتول بىلەن بېنزىننىڭ كۆيۈش نۇقتىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، سىلىندىر ئىچىگە كىرگەن ئاپتول تولۇق كۆيمەي، ئاز مىقداردىكى ئاپتول گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، يەنى كۆك ئىس چىقىدۇ. ئەگەر كۆك ئىس چىقسا، ئېنىقلا بىنورمال ئەھۋال بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ئاپتول پەقەت ئاپتول يولىدا سىلىندىر دىۋارى ۋە پورشىننى سىلىقلايدۇ، ئەگەردە سىلىندىرنىڭ ئىچكى دىۋارىدا خوراش ئېغىر بولسا ياكى پورشېننىڭ خورىشى ئېغىر بولسا، ئەسلىدە ئاپتول يولىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئاپتول موتورنىڭ كۆيۈش بۆلۈمىگە كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئۇپرىشى ئېغىر بولسىمۇ موتورنىڭ ئاپتول كۆيدۈرۈش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
7. كۈچلۈك كۆيگەن پۇراق
سەۋەبى: مۇفتا ياپراقچىسى كۆيگەن ياكى قول تورمۇز قويۇپ بېرىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن
ئەگەر غەيرىي مېتال بۇيۇم كۆيگەن ئالاھىدە پۇراق بولسا، ئادەتتە مۇفتا ياپراقچىسى كۆيگەن بولۇشى ياكى بەك قىزىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە بۇ خىل كۆيگەن پۇراققا سېسىق پۇراق ئارىلاشقان بولىدۇ، چۈنكى مۇفتا ياپراقچىسىنىڭ ماتېرىيالى كاۋچۇك ۋە تاشپاختا قاتارلىق كۆپ خىل ماتېرىياللارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئەگەر مۇفتا نورمال ئىشلىسە، خوتقا سېلىش تەس بولۇش ياكى قوزغىلىش تەس بولۇش ئەھۋاللىرى بولمىسا، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ پۇرىغاندا پۇراق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدىن ئەمەس ئارقىسىدىن كەلسە، تورمۇز سىستېمىسىنىڭ بەك قىزىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى